دىققەتنى «بەش مەركەز» قۇرۇش مۇھىم بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەر قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك

2023-12-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

دىققەتنى «بەش مەركەز» قۇرۇش مۇھىم بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەر قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش كېرەك

بېيجىڭغا قايتىش سەپىرىدە جياڭسۇ يەنچېڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

11 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شاڭخەي زاكاز مال سودا ئورنىدا تەكشۈرۈشتە بولماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

11 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ مىنخاڭ رايونىدىكى يېڭى دەۋر شەھەر قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ئائىلىسىدە، مەھەللە ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي\جياڭسۇ يەنچېڭ، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى خەلقئارا ئىقتىساد مەركىزى، پۇل مۇئامىلە مەركىزى، سودا مەركىزى، سۇ تىرانسپورت مەركىزى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش مۇھىم بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شەھەر ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كاپالەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەر قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك ۋە ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

11 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن جىنىڭ ۋە شەھەر باشلىقى گۇڭ جېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچە رايونلىرى، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي تۈرى نەق مەيدانى قاتارلىقلارغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ پويىزدىن چۈشۈپلا شاڭخەي زاكاز مال سودا ئورنىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانغا ۋە پېيى بازارغا سېلىنغان مۇھىم تۈرلەر ئىچىدىكى ھېسابنى ئۈزگەن تۈرلەرنىڭ كۆرسىتىلىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، سودا ئورنىنىڭ يەرشارىۋى بايلىقنى تەقسىملەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلارغا دائىر ئەھۋال تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، سودا ئورنىنىڭ كۈندىلىك مەبلەغ باشقۇرۇش ۋە راسچوت قىلىش، ھېسابات قىلىش قاتارلىق ئىش تۈرلىرىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەينىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش نىشانى توغرا، قەدىمى پۇختا، ئىستىقبالى پارلاق، شاڭخەي زاكاز مال سودا ئورنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان سودا ئورنى قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زاكاز مال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە كەسىپ ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىكى جاڭجياڭ پەن - تېخنىكا شەھەرچىسىگە كېلىپ، شاڭخەينىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ سىنلىق قىسقا فىلىمگە بىرلەشتۈرۈپ شاڭخەي شەھىرىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ ئاساسىي تەتقىقات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيوتېببىي دورا قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى تەپسىلىي كۆردى ھەم پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تىرەكتىن ئايرىلالمايدۇ، شاڭخەي بۇ جەھەتلەردە ياخشى باشلامچى بولۇپ، يەرشارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە قاراپ قەدەم تاشلاشنى تېزلىتىشى كېرەك. كۆڭلىگە بۇرچ تۇيغۇسىنى پۈككەن زور تۈركۈم كامالەتكە يەتكەن ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرى كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شاڭخەيگە كەلگەن نۇرغۇن يېڭى شەھەر ئاھالىسى، ياشلار ۋە بىرىنچى سەپتىكى ئىشلەمچىلەرنى تۇرالغۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ مىنخاڭ رايونىدىكى يېڭى دەۋر شەھەر قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ئائىلىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. شۇ جاينىڭ كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيلەرنى بىرتۇتاش غەملەپ قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىش، «بىر كارىۋات، بىر ئېغىز ئۆي، بىر يۈرۈش ئۆي»دىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق ئىجارە ئۆي تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەھەللىدىكى تۇرالغۇ تىپىدىكى، ياتاق تىپىدىكى ئىجارە ئۆي مەنبەسىنى ئىجارىگە ئالغۇچىلارنىڭ تۇرالغۇسى ۋە ئاممىۋى ئاشخانا، ئاممىۋى كىر يۇيۇش ئۆيى قاتارلىق ئورتاق بەھرىلىنىدىغان بوشلۇققا كىرىپ، بۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. باش شۇجىنىڭ ھەر تەرەپلىمە سەمىمىي غەمخورلۇقى نەق مەيداندىكى ھەممەيلەننى تەسىرلەندۈردى. ئايرىلىدىغان چاغدا، مەھەللە ئاھالىلىرى بەس - بەستە چۆرىدىشىپ كېلىپ باش شۇجىنى ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قۇرغۇچىلارنىڭ بۇ يەردە خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. شەھەر يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىللىقلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ سوتسىيالىزمىمىز ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىشى كېرەك. سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر شاڭخەيگە كېلىپ تۆھپە قوشتى، ئوخشاشلا شەھەرنىڭ ئىگىلىرى ھېسابلىنىدۇ. خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇغا بولغان كۆپ خىللاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ كېلەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشالايدىغان، ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، شاڭخەينىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بەش مەركەز» قۇرۇشنى تېزلىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شاڭخەيگە يۈكلىگەن مۇھىم بۇرچ. شاڭخەي بۇنى ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا دائىر ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، ماس ئالغا سىلجىتىش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى سىجىل ئۆستۈرۈشى كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا دەرىجىلىك يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر توپى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ئىقتىساد مەركىزى بولۇشتەك ئورنى ۋە يەرشارىۋى ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىشتىكى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۈل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك سۇ تىرانسپورت مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، سۇ تىرانسپورتى بايلىقىنى يەرشارىۋى تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىشى كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى رايونى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە پۈتۈن يەرشارىنى چوڭقۇر زەنجىرسىمان تۇتاشتۇرىدىغان خەلقئارا چوڭ شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. تۇنجى ئىجادىي خاراكتېرلىك ئىسلاھات، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىشنى ھەر تەرەپلىمە، زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، لىنگاڭ يېڭى بۆلەك رايونىدا بېسىم سىنىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تەرتىپ، قائىدە - تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىقنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خۇڭچياۋ خەلقئارا ئېچىۋېتىش تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىمپورت كۆرگەزمىسى قاتارلىق قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش چوڭ سۇپىلىرىنى داۋاملىق ياخشى باشقۇرۇپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە سىياسەت ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بايلىقنى جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، شەھەر پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىش جەھەتتە ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، ئېلاستىكلىققا ئىگە بىخەتەر شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەر ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى تىرىشىپ تېپىپ چىقىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى شەھەر ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا سىڭدۈرۈپ، ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان، ھەممە كىشى مەسئۇل بولىدىغان، ھەممە كىشى تۆھپە قوشىدىغان، ھەممە كىشى ئورتاق بەھرىلىنىدىغان شەھەر ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىق، مۇقىملىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، تۈرلۈك مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىشى، يۇغۇرۇلۇشى داۋامىدا ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ زورايتىش كېرەك. شەھەر مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، قىزىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە شەھەرنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، شۇنداقلا تۈپ كاپالىتى. شاڭخەي پارتىيەمىز بارلىققا كەلگەن جاي بولۇپ، پارتىيە 1 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي قاتارلىق قىزىل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى مۇساپىدە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەرگە ماس كېلىدىغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ پىكىر يولى ۋە ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى جازالاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساقلاش كېرەك. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، غەيرەتنى بوشاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭغا قايتىش سەپىرىدە، شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شىن چاڭشىڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى شۈ كۇنلىننىڭ ھەمراھلىقىدا يەنچېڭ شەھىرىگە كېلىپ، يېڭى 4 - ئارمىيە خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمە زالىدىكى ھەربىر سۈرەت، ھەربىر تارىخىي ماتېرىيال، ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ھەربىر تەقلىدىي ئەمەلىي كۆرۈنۈش يېڭى 4 - ئارمىيەنىڭ تاۋلىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش، قان كېچىپ كۈرەش قىلىشتەك شانلىق تارىخىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى 4 - ئارمىيەنىڭ تارىخى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، خەلق رايىنى مايىل قىلىش ياكى مايىل قىلالماسلىق تارىخنىڭ تاللىشىنى بەلگىلەيدۇ، ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. بۇ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى جانلىق دەرسلىك، بۇ دەرسلىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قىيىنچىلىقتىن قورقماي، جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەردىن قورقماي، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان روھقا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، خەلققە زىچ تايىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمراھ بولۇپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۇقىرىقى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 5 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.