ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىپ، دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىپ، ئوچۇق تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۇاڭشى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

2023-12-18 :ۋاقىت
مەنبە:  شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىپ، دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىپ، ئوچۇق تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۇاڭشى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

12 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ نەننىڭ شەھىرى لياڭچىڭ رايونى پەنلۇڭ مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

12 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لەيبىن شەھىرى دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى خۇاڭئەن ئەلا سۈپەتلىك «قوش يۇقىرى» شېكەر قومۇشى بازىسىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شېكەر قومۇشى ئۆستۈرگەن دېھقانلار، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەننىڭ، 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: گۇاڭشى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپە ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىپ، دېڭىزغا يۈزلىنىپ قۇدرەت تېپىپ، ئوچۇق تەرەققىي قىلىپ، تىرىشىپ چېگرادىكى مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل گۇاڭشى قۇرۇپ چىقىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۇاڭشى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

12 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شى جىنپىڭ ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلدى. 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ نىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى لەن تيەنلىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ نەننىڭ، لەيبىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈرلىرى، مەھەللە، يېزا، كارخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن نەننىڭ شەھىرىگە جايلاشقان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى پاي چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتىنىڭ قۇرۇلۇشى، يۈرۈشۈشى، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، پىڭلۇ قانىلىنىڭ قۇم مودېلىغا بىرلەشتۈرۈپ، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى تايانچ قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇچۇر پورتى قۇرۇش «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. گۇاڭشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك.

نەننىڭ شەھىرى لياڭچىڭ رايونى پەنلۇڭ مەھەللىسى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە. شى جىنپىڭ مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، خەلققە قولايلىق يارىتىش بىلەن كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر خاسلىقىغا ئىگە پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، ئۇلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەت ئۆيىدە، ئۇ مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ خەتتاتلىق مەشىقى قىلىۋاتقانلىقى، خەلق ناخشىلىرىنى ئوپچە ئېيتىۋاتقانلىقىنى زور قىزىقىش ئىچىدە كۆردى، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەھەللىنى ئىختىساسلىقلار، مەيدان قاتارلىق بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ساغلاملىققا پايدىلىق، ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ زور ئاكتىپ كۈچنى ئۇرغۇتۇشقا ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەھەللە ئاساسىي قاتلام ئۆزى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي بىرلىكى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسى. مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق، «ياشانغانلار، بالىلار» قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرى ۋە ئاممىۋى ئىشلارنى ياخشى قىلىش، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال جاۋاب قايتۇرۇش جۇڭگوچە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى، بۇ ئەۋزەللىكنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. كۆپ مىللەت ئامما ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان مەھەللە بەرپا قىلىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى. گۇاڭشى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشتا، ئىشنى ئاساسىي قاتلام مەھەللىدىن باشلاپ تۇتۇپ، پۇختا مەھەللە قۇرۇلۇشى، ئۈنۈملۈك مەھەللە مۇلازىمىتى، مول مەھەللە پائالىيىتى ئارقىلىق، ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇشتەك قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىشى كېرەك.

مەھەللىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ھەر مىللەت ئامما باش شۇجىنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: مەن تۈنۈگۈن ۋىيېتنامدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بىۋاسىتە گۇاڭشىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدۇم، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم. ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش گۇاڭشىنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتىغا تېخىمۇ پايدىلىق، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل گۇاڭشىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. گۇاڭشى دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئاپتونوم رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر مىللەت خەلق كۆك ئاسمان ئاستىدا تەڭ ياشاپ، بىر ئېتىزنى تەڭ تېرىپ، بىر دەريانىڭ سۈيىنى تەڭ ئىچىپ، ماكانىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتا، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، سىرداش دوستلاردىن، ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ، بەختلىك ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لەيبىن شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شى جىنپىڭ دۆلەتلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى خۇاڭئەن ئەلا سۈپەتلىك «قوش يۇقىرى» شېكەر قومۇشى بازىسىدا، 10 مىڭ مو يەردىكى شېكەر قومۇشلۇقى ۋە ماشىنىلاشقان ئورۇش مەشغۇلاتى مەنزىرىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، بازىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ شېكەر قومۇشلۇقىغا كىرىپ، شېكەر قومۇشى ئەلا سورتىنى يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، شېكەر قومۇشى تېرىيدىغان دېھقانلار، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گۇاڭشى دۆلىتىمىزدىكى قومۇش شېكىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون، بۇ ئالاھىدە ئەۋزەل كەسىپنى كۈچەيتىپ، زورايتىپ، دۆلەت شېكەرچىلىك كەسپىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شېكەر قومۇشى تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەلا سورتلارنى پائال يېتىشتۈرۈپ ۋە كېڭەيتىپ، ماشىنىلاشقان مەشغۇلات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسىنى ياخشى قۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ مۇقىم بولغان مەنپەئەتنى چېتىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەڭ دېھقانلارنى يېزا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. ئۇ يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ شېكەر قومۇشىدەك شېرىن بولۇشىنى تىلىدى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ لەيبىن دۇڭتاڭ فېڭخۇاڭ چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، شېكەر ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر - سەنئىتى ۋە مەشغۇلات تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈردى، شىركەت كۆرگەزمە زالىدا، شېكەرچىلىك كەسپى مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى ھەم بازار ئۈلۈشى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ شېكەرچىلىك كەسپى كەسكىن خەلقئارا رىقابەتكە دۇچ كەلدى، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كارخانىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، شى جىنپىڭ ئۇزىتىش ئۈچۈن كەلگەن خىزمەتچىلەرگە قىزغىنلىق بىلەن مۇنداق دېدى: يېمەكلىك شېكىرى مۇھىم قوشۇمچە يېمەكلىك، كۆپچىلىك بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ، مىڭلىغان ئون مىڭلىغان ئائىلىگە «شېرىن تەم» يەتكۈزدى. كۆپچىلىكنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تېخنىكا ئۆگىنىپ، يېڭى ھۈنەر - سەنئەت قوللىنىپ، شېكەرچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، گۇاڭشىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گۇاڭشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن كەسىپنى كۈچەيتىش ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، دىققەتنى ئەۋزەل كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل بايلىقنى توپلاپ، گۇاڭشىنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان، كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ ۋە بىرقەدەر كۈچلۈك تۈرتكىلىك كۈچكە ئىگە بىرقانچە تۈۋرۈك كەسىپنى بەرپا قىلىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - مائارىپتا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە مەھسۇلات دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. دېڭىز بويى، دەريا بويى ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادى، پورت ئەتراپى كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەشنى تېزلىتىپ، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئورمانچىلىق كەسپى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش كەسپى، ئومۇمىي ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، زورايتىپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: گۇاڭشى ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىشى كېرەك. ئىچكى - تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئوچۇق ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، دېڭىز بويىدىكى تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ كەسىپ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئۇدۇللىشىپ، كەسىپلەرنىڭ پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىنى تەرتىپلىك قوبۇل قىلىپ، بېيبۇۋەن ئىقتىسادىي رايونى ۋە جۇجياڭ − شىجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى ئېچىش، ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، گۇاڭشىنى گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك مەركىزىي رايون قىلىپ بەرپا قىلىشى كېرەك. غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، پىڭلۇ قانىلىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇپ، بېيبۇۋەن خەلقئارالىق كۆزنەك پورتنى يۇقىرى سەۋىيەدە بەرپا قىلىپ، دەريا، تۆمۈريول، دېڭىز تىرانسپورتىدىن ئىبارەت كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت ئىقتىدارى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا، ئەمگەك - مۇلازىمىتى، كەسىپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلانما بازار تىجارىتى قولاي ئورنى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا ئىككى قولدا كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى تەڭپۇڭ ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. گۇاڭشىنىڭ باغ - ئورمان، مېۋە، كۆكتات، چارۋا، شېكەر قاتارلىق خاس بايلىقى مول بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى خاس يېزا ئىگىلىك كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «گۇاڭشى ناملىق» تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك ماركىلىرىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدا داڭقىنى چىقىرىش كېرەك. ھەم سودا - سانائەت كاپىتالىنىڭ يېزىلارغا يۈزلىنىشىگە ئىلھام بېرىش، ھەم تۆۋەن چەكنى چىڭ تۇتۇپ، تېرىلغۇ يەرنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىپ، ئاشلىق تېرىشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىپ تىجارەت قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئاممىۋى مۇلازىمىتى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كەنتلەرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى ۋە دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزىلاردىكى تۆۋەن كىرىملىك نوپۇسقا دائىملىق يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: گۇاڭشى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ يۆنىلىشى قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىشى، راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى سىجىل يىلتىز تارتقۇزۇشنى ئىقتىساد، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەھەللە قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدا مەملىكەت بويىچە داۋاملىق ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك. قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، شەھەر بىلەن يېزا ئارىسىدىكى پەرق، رايونلار ئارىسىدىكى پەرق، مىللەتلەر ئارىسىدىكى پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلىتىپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش، ئىشنى پاكىز قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى، ئىشنى ياخشى باشلاپ ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بازار تەمىناتى، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ئىنچىكە ياخشى تۇتۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بايرامنى خۇشال - خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە، دۆلىتىمىزنىڭ خۇابېي، خۇاڭخۇەي قاتارلىق رايونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئوتتۇراھال ياكى قېلىن قار يېغىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تىرىشىپ ئاپەتنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

ۋاڭ يى، لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى، باش تېما تەربىيەسى بويىچە مەركەز 11 - سەييارە يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ نەننىڭدا نەننىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى شاڭشياۋدىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن نەننىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. جاڭ يوۋشيا كۆرۈشۈشتە ھەمراھ بولدى.