پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

2024-01-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


شى جىنپىڭ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى لى شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە ئون يىل قەتئىي بوشاشماي چىرىكلىككە كۈچلۈك قارشى تۇرۇش ئارقىلىق، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردۇق ھەم ئۇنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملىدۇق، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ. بىز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى يۈزلىنىشنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، چىرىكلىك مەسىلىسى پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن، دەل جايىدا كۈچەپ، سىجىل كۈچەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيەدە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ تۈزەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىدىكى قوشۇنغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زىيانداش ئۇنسۇرلارنى قەتئىي تازىلاپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى قاتتىق، ئەمەلىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاش، قەدەم ئېلىشقا كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلغاندا تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىش تارىخىي دەۋرىيلىكىدىن بۆسۈپ چىقىپ، پارتىيەنىڭ سۈپىتى، خىسلىتى، خاراكتېرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ بۇ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، بىز ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە نەزەرىيە جەھەتتە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەينى يىلى بەرگەن «خەلق ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىش» دېگەن بىرىنچى جاۋابى ئاساسىدا، ئىككىنچى جاۋابنى بەردۇق، ئۇ بولسىمۇ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتى ۋە نەزەرىيەسى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ئون يىل داۋامىدا، بىز پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مول ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەمىز نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلالايدۇ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى قانداق ئالغا سىلجىتىدۇ قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بەردۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتىدە توققۇز مەسىلىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك، يەنى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى تۈپ كاپالەت قىلىش، ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى تۈپ مەقسەت قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تۈپ قوللانما قىلىش، تارىخىي دەۋرىيلىكتىن بۆسۈپ چىقىشنى ئىستراتېگىيەلىك نىشان قىلىش، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى ئۈنۈملۈك يول قىلىش، كۈچلۈك تەشكىلات بەرپا قىلىش، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇشنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مۇھىم تۇتقا قىلىش، ئۆزىنى نازارەت قىلىش بىلەن خەلقنىڭ نازارىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتىن ئىبارەت. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ ۋە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ھەربىر سەپ، ھەربىر ھالقىدىكى ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى كونكرېت تۇتۇش، چوڭقۇر تۇتۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، جەزمەن چىرىكلىك مەسىلىسى پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش جەھەتتە سىجىل كۈچەش، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئومۇمىي تەلەپ شۇكى، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، كېسەلگە قاراپ دورا بېرىپ، دەل جايىدا تۈزەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تەكرار قوزغىلىدىغان كونا مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ئازايتىپ، يېڭىدىن پەيدا بولغان مەسىلىلەرنىڭ يامرىشىنى توسۇپ، چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي تۈردە يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىك دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قەتئىي قوللاپ، ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەخسۇس مەسئۇل ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشىغا كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ياردەملىشىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش پۈتۈن زەنجىرىدىكى كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئاڭلىق ھالدا كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چىرىكلىكنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى سىجىل ساقلاش كېرەك. يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ھەرگىز كەينىگە يانماسلىق، بوشاڭلىق قىلماسلىق، كۆڭۈلچەكلىك قىلماسلىق، جەزمەن ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى مەڭگۈ ياڭرىتىش كېرەك. «يەتتە خىل قىلمىش» مەسىلىسىنى سىجىل چىڭ كۆزلەپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كارخانىچىلار تىل بىرىكتۈرۈۋالىدىغان چىرىكلىكنى قاتتىق جازالاشنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ھوقۇققا تايىنىپ كاپىتال پايدىسىنى قوغلىشىش قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، تۈرلۈك مەنپەئەت گۇرۇھى، ھوقۇقدار تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىي ساھەگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى، ئېنېرگىيە، تېببىي دورا ۋە ئۇل قۇرۇلۇش قاتارلىق ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق توپلاشقان ساھەلەردىكى چىرىكلىكنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش كېرەك. «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى جازالاپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ چىرىكلىكنىڭ پەيدا بولۇشى، يامرىشىنى توسۇش كېرەك. چىرىكلىكنىڭ ماھىيىتى ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىش. سىياسەت تۈزۈش، تەدبىر بەلگىلەش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھوقۇقنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەردە تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھوقۇقنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە يۈرۈشۈشىگە چەك قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈزۈم يوچۇقىنى ئېتىپ، ئەركىن بېكىتىش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھوقۇق ئىجارىچىلىكى تەسىس قىلىش ۋە ھوقۇق ئىجارىكەشلىكى پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك. چىرىكلىكتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ئۇنى جازالاش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پاكلىق خەۋپ - خەتىرى، يوشۇرۇن خەۋپىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش ۋە ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە چىرىكلىك ۋە يوشۇرۇن چىرىكلىكنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا دائىر قانۇن - نىزام ۋە تۈزۈملەرنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ئۇل خاراكتېرلىك قانۇن - نىزام ۋە تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىرىنچى قول رەھبەر» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشكە دائىر يۈرۈشلەشكەن تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا دائىر دۆلەت قانۇنى چىقىرىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رېۋىزىيە قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئىنتىزام جازاسى نىزامىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە بىر قېتىملىق مەركەزلىك ئىنتىزام تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق قانۇن - نىزام ۋە تۈزۈملەرنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئەمەل قىلىش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارا بېرىش قىلمىشلىرىنى جازالاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ھەمىشە كادىرلارنى ئازدۇرۇپ، بىر تەرەپكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان پارا بەرگۈچىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تىپىك دېلولارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، پاكىت ئارقىلىق توغرا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، بىرنى جازالاپ، كۆپكە ئىبرەت قىلىش كېرەك. پارا بېرىپ ئېرىشكەن ناتوغرا مەنپەئەتنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە تۈزىتىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. يامانغا لەنەت ئوقۇش ۋە ياخشىنى مەدھىيەلەشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، «يوشۇرۇن قائىدە»نى بۇزۇپ تاشلاپ، «ئېنىق قائىدە» ئورنىتىپ، «كىچىك چەمبىرەك» «كاتتىباشلارغا باش ئۇرۇش» «مۇناسىۋەت ئىزدەش» قىلمىشلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھەر خىل سىياسىي ئالدامچىلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، تاۋار ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپىنى پارتىيە ئىچىگە ئېلىپ كىرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش جەھەتتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، ساپ يولداشلىق مۇناسىۋىتى، قائىدە - يوسۇنلۇق يۇقىرى - تۆۋەن مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ پاك - ساپ بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ يۈكسەك غايە - ئىنتىلىشىنى ئۇرغۇتۇپ، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش، پارىخورلۇق، چىرىكلىكنى ئىنتايىن چوڭ نومۇس ئىش دەپ بىلىش كېرەك. ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، پەرزەنتلىرىنى قاتتىق، ياخشى باشقۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. پاكلىق ئىدىيەسى، پاك تىپلارنى پائال تەشۋىق قىلىپ، پاكلىقنى ئۇلۇغلاپ، چىرىكلىكنى رەت قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان مۇھىم كۈچ، ئالاھىدە سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە شەرەپلىك بۇرچ، ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، جەزمەن باشتىن - ئاخىر مۇتلەق سادىق بولۇش، مۇتلەق ئىشەنچلىك بولۇش، مۇتلەق ساپ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. تەربىيەلەش، تەرتىپكە سېلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قوشۇنغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان زىيانداش ئۇنسۇرلارنى تازىلاشنى دائىملاشتۇرۇپ، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇش»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، تىرىشىپ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن، قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

لى شى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېلان قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيە چوڭقۇر بايان قىلىندى، پارتىيەمىز نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلالايدۇ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى قانداق ئالغا سىلجىتىدۇ قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلدى، «توققۇز جەھەتتىكى» ئەمەلىيەت تەلىپى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سىجىل كۈچەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. سۆزدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ قوللانما. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەمدە ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن لى شى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتايلى» دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بەردى.