دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2024 ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى

2024-01-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2024 ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى تېلېگراممىسى يېڭى يىل ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە ئالاقە تورى ئارقىلىق، 2024 ـ يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

كۆپچىلىك ياخشىمۇ سىلەر! قىش ئۆتۈپ ھاۋا ئىللىيدىغان پەسىل يېتىپ كەلمەكتە، يىللار ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە ئايلانماقتا. كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقان مۇشۇ گۈزەل پەيتتە، مەن بېيجىڭدا كۆپچىلىككە يېڭى يىللىق بەخت تىلەيمەن!

2023 ـ يىلى، بىز داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بوران ـ چاپقۇنلۇق سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈپ، مول ھاسىلاتلارغا ئېرىشتۇق. كۆپچىلىك بىر يىلنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېسىدە تۇتتى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىشەنچكە تولدى.

بۇ بىر يىلدا بىز قەدەمنى ناھايىتى پۇختا باستۇق. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تىنچ باسقۇچقا ئۆتكەندىن كېيىن، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان بىر تۈركۈم يېڭىچە تۈۋرۈك كەسىپلەر تېز باش كۆتۈردى. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «ئۇدا 20 يىل مول ھوسۇل» ئېلىندى، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ رەڭگى تېخىمۇ قېنىقلاشتى، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى. شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى، شيۇڭئەن يېڭى رايونى ئۆسۈپ يېتىلىپ قەد كۆتۈردى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ھاياتىي كۈچى جۇش ئۇردى، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇردى. جۇڭگو ئىقتىسادى بوران ـ چاپقۇندا ساغلام راۋاجلىنىپ، كۈچ ـ قۇۋۋەتكە تولدى.

بۇ بىر يىلدا بىز قەدەمنى ناھايىتى كۈچلۈك باستۇق. بوشاشماي كۈرەش قىلىپ چېنىقىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى جۇش ئۇردى. C919 تىپلىق چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان سودا خاراكتېرلىك ئۇچۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتى سىناق تەرىقىسىدە قاتناشنى تاماملىدى، شېنجوۋ جەمەتى ئالەم بوشلۇقىدا كۈچ ئۇلىدى، «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈ ئاخىرقى چەككىچە دېڭىز ئاستىغا چۆكتى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن داڭلىق ماركىلىق ماللار كەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى، دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان يېڭى يان تېلېفون ئىنتايىن بازار تاپتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، يورۇقلۇق ۋولت مەھسۇلاتلىرى جۇڭگو ياسىمىچىلىقىغا يېڭى يارقىن رەڭ قوشتى. جۇڭگو توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىمەكتە، ھەممە يەردە كۈندىن ـ كۈنگە يېڭىلىنىۋاتقان ئىجادىيەتلەر بارلىققا كەلدى.

بۇ بىر يىلدا بىز قەدەمنى ناھايىتى روھلۇق باستۇق. چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قالتىس ئۆتكۈزۈلدى، تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى باتۇرلۇق بىلەن ياخشى نەتىجىلەرنى ياراتتى. دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەتتە ئادەم ئېقىمى ئۈزۈلمىدى، كىنو بازىرى قىزىپ كەتتى، «كەنت دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى»، «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى» ھاياتىي كۈچكە تولدى، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش تەدرىجىي كەيپىياتقا ئايلاندى، ئىللىق تۇرمۇش پۇرىقى، قايتا جانلانغان ئالدىراش كەيپىيات كىشىلەرنىڭ گۈزەل بەختكە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىزاھلىدى، شۇنداقلا ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن جۇڭگونى نامايان قىلدى.

بۇ بىر يىلدا بىز قەدەمنى ناھايىتى ئىشەنچ بىلەن باستۇق. جۇڭگو بىر ئۇلۇغ دۆلەت بولۇپ، ئۇلۇغ مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇ بىپايان زېمىندا، قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن تەنھا ئىس ـ تۈتەك، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى سىم ـ سىم يامغۇر ھەمىشە كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، كۈچلۈك تەلپۈندۈرىدۇ؛ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ توققۇز ئەگىمى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئۆركەشلەپ ئېقىشى ھەمىشە كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، چەكسىز ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. لياڭجۇ، ئېرلىتوۋدىكى مەدەنىيلىك تاڭ نۇرى، يىنشۈدىكى چىغىناق ـ تاغاق يېزىقىنىڭ ۋارىسلىقى، سەنشىڭدۈيدىكى مەدەنىيەت گۆھىرى، دۆلەت نەشرىيات سارىيىدىكى مەدەنىيەت تومۇرىنىڭ داۋاملىشىشى... سەلتەنەتلىك جۇڭخۇانىڭ تارىخى شۇ قەدەر ئۇزاق، مەدەنىيلىكى شۇ قەدەر مول، بۇ بىزنىڭ ئىشەنچ ئاساسىمىز، كۈچ ـ قۇۋۋەت مەنبەيىمىز.

جۇڭگو ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە دۇنياغا پائال قۇچاق ئېچىپ، چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالدى. بىز جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى، 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق، بىر قاتار ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيەسىدە بەش قىتئەدىن كەلگەن ئەزىز مېھمان ۋە دوستلارنى كۈتۈۋالدۇق. مەن يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولدۇم، بىر قىسىم خەلقئارا يىغىنلارغا قاتناشتىم، نۇرغۇن قەدىناس دوستلار، يېڭى ھەمراھلار بىلەن ئۇچرىشىپ، جۇڭگو تەشەببۇسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئۆزئارا ئورتاق تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. دۇنيا ئۆزگەرمەكتە، تىنچ تەرەققىي قىلىش باشتىن ـ ئاخىر ئاساسىي مېلودىيە، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش باشتىن ـ ئاخىر چىڭ داۋلى.

ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بوران ـ چاپقۇننىڭ بولۇشى نورمال ئىش. بەزى كارخانىلار تىجارەت بېسىمىغا دۇچ كەلدى، بەزى ئامما ئىشقا ئورۇنلىشىشتا، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا يولۇقتى، بەزى جايلاردا كەلكۈن ـ ھۆلچىلىك، تەيفېڭ بورىنى، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر يۈزبەردى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم. كۆپچىلىك بوران ـ چاپقۇندىن قورقماي، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، مەن چوڭقۇر تەسىرلەندىم. جاپالىق ئەمگەك قىلىۋاتقان دېھقانلار، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار، بۆسۈشكە ۋە جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ۋەتەننى قوغداۋاتقان پەرزەنت ئەسكەرلەر، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەر تەر ئاققۇزماقتا، ھەربىر ئاددىي كىشى قالتىس تۆھپىلەرنى قوشتى! خەلق مەڭگۈ بىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تايانچىمىز.

كېلەر يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلىشىمىز كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن مائارىپنى يولغا قويۇشىمىز، پەن ـ تېخنىكىنى گۈللەندۈرۈشىمىز، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىنى داۋاملىق قوللاپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشى داۋامىدا ئۇزاق مەزگىللىك گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىشىمىز كېرەك. ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشى تارىخىي مۇقەررەرلىك، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ شان ـ شەرىپىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك.

بىزنىڭ نىشانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغۋار ھەم ناھايىتى ئاددىي، تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. بالىلارنىڭ بېقىلىشى، تەربىيەلىنىشى، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ ياراملىق ئادەم بولۇشى، ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىشى، كۈتۈنۈشى ئائىلە ئىشى ھەم دۆلەت ئىشى، كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ بۇ ئىشلارنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. ھازىر، جەمئىيەت رىتىمى ناھايىتى تېز، كۆپچىلىك ناھايىتى ئالدىراش، خىزمەت، تۇرمۇش بېسىمى ناھايىتى ئېغىر. بىز ئىللىق، ئىناق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىپ، سىغدۇرۇشچان، جانلىق يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، قولايلىق، ئازادە تۇرمۇش شارائىتىنى يارىتىپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى خۇشال قىلىشىمىز، كىشىلىك ھاياتىنى جۇلالاندۇرۇشىمىز، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ھازىر، دۇنيادا يەنە بەزى جايلار ئۇرۇش ئىس ـ تۈتەكلىرى ئىچىدە تۇرماقتا. جۇڭگو خەلقى تىنچلىقنىڭ قىممەتلىكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئويلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىشنى خالايمىز.

مۇشۇ پەيتتە، كېچە مەنزىرىسى رەڭدارلىققا تولدى، ھەممە ئائىلىلەر شادلىققا چۆمدى. بىز بىرلىكتە ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا، دۇنيانىڭ تىنچ، خاتىرجەم بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرەيلى! كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەر ۋاقىت بەختلىك ۋە قۇتلۇق بولۇشىغا، ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك، تېنىنىڭ ئامان ـ ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرەيلى!

كۆپچىلىككە رەھمەت!