پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

2024-02-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا تيەنجىنگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىنگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۈرەتتە: 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەك تىلىدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىنگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۈرەتتە: 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شىچىڭ رايونىنىڭ شىنكوۋ بازىرى دىليۇبۇ كەنتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كەنت ئاھالىلىرىگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىنگە كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى! مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ تېنىنىڭ ساغلام، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، ھەممە ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا، ئەجدىھا يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى! ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى، دۆلەتنىڭ تىنچ، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشى، گۈللەپ ياشىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى!

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىنئېر ۋە شەھەر باشلىقى جاڭ گۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا يېزىلارغا، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىغا، ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تىلىكىنى يەتكۈزدى.

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ پويىزدىن چۈشۈپلا، شىچىڭ رايونى شىنكوۋ بازىرىنىڭ دىليۇبۇ كەنتىگە كەلدى. بۇلتۇر 7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ بېشىدا، خۇابېي رايونىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، خەيخې دەرياسىدا ۋادى خاراكتېرلىك پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈننىڭ يۈزبېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تيەنجىننىڭ دۇڭديەن كەلكۈن قاچىلاش رايونىدىكى كەڭ بىر پارچە يەرنى سۇ بېسىپ كەتكەنىدى. شى جىنپىڭ نەق مەيداندا تيەنجىننىڭ پۈتۈن شەھەر ھەم شىچىڭ رايونىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، پارنىكلارغا كىرىپ كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كۆكتاتچى دېھقانلاردىن پارنىكنى رېمونت قىلىش ۋە كۆكتاتلارنى تولۇقلاپ تېرىش، سېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ شۇ جاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا پائال تەشكىللەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «كەلكۈن چېكىنىشى بىلەن ئادەم ئىلگىرىلەش»، تېرىغىلى بولىدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى تېرىشتىن ئىبارەت كۈتۈپ تۇرمايدىغان، تايىنىۋالمايدىغان تەشەببۇسكارلىق روھىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، يۇرتداشلارنىڭ تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ، شەھەرنىڭ «كۆكتات سېۋىتى»نى موللاشتۇرۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.

شى جىنپىڭ تۆت ئەۋلاد بىللە ياشاۋاتقان كەنت ئاھالىسى دۇ خۇڭگاڭنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيان ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى ھېساباتلارنى بىر - بىرلەپ قىلدى. دۇ خۇڭگاڭ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: كەلكۈندە ئائىلىمىزنىڭ ئون نەچچە مو يېرىدىكى كۆممىقوناق، كۆكتات ئاپەتكە ئۇچرىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى تېزلا قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالدۇق، بولۇپمۇ كۆكتات پارنىكىنى ناھايىتى تېز رېمونت قىلىۋېلىپ، پەسىللىك كۆكتاتلاردىن ياخشى ھوسۇل ئالدۇق. باھار بايرىمىغا ئاز قالدى، ئۆيىمىزدە باھار بايرىمىلىق ماللارنىڭ ھەممىسى تەل بولدى، كەنت يەنە بىر قىسىم مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭدىن كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى خۇشال بولدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولۇشتا، خەلق خاتىرجەم بولسا دۆلەت ئاندىن تىنچ بولىدۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت كۆپچىلىكنىڭ ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇنداقلا يۇرتداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىككى قولىغا تايىنىپ گۈزەل يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇپ، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە چۆرىدىشىپ باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ ئارقا - ئارقىدىن قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، سەمىمىي ھالدا يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىپ، قىشنى ئىللىق ئۆتكۈزۈشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. بۇلتۇردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ باشقا بىر قىسىم جايلىرىمۇ كەلكۈن، تەيفېڭ بورىنى، يەر تەۋرەش، تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قار - يامغۇر، مۇز تۇتۇش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچرىدى، مەن بۇلارغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ كەلدىم. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئامما ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ زور غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق ئامما ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن! ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىغا كەلدى. كوچا قەدىمىي تۈسكە كىرگەنىدى، شى جىنپىڭ كوچىنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ، ئىلگىرى - كېيىن گۇيفاشياڭ 18 - كوچىسى ماخارلىرى، گورېنجاڭ، نىرېنجاڭ، ياڭليۇچىڭ باھار بايرىمىلىق رەسىملىرى قاتارلىق ئۆزگىچە دۇكانلارغا كىرىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرى، سېتىلىشى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى، دۇكان ئىگىلىرى، خادىملىرى ۋە نەق مەيداندىكى ئامما بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت بايرام مەزگىلىدىكى خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش تەمىناتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، سانىنىڭ يېتەرلىك، تۈرىنىڭ مول، سۈپىتىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ خاتىرجەم ئىستېمال قىلىپ، باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، تيەنجىن ئىنتايىن خاسلىققا ۋە جەلپكارلىققا ئىگە شەھەر، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونلىرىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۇنى زامانىۋىلاشقان چوڭ شەھەر قۇرۇلۇشىدا جۇلالاندۇرۇش كېرەك.

كوچىلاردا دۇمباقلار چېلىنىپ، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى ئويۇنلىرى قىزىپ، خۇشال كەيپىيات كۆتۈرۈلگەنىدى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كىشىلەر قىزغىن تەنتەنە قىلىشتى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە يېقىن كېلىپ، تيەنجىن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى خەلق ئۆرپ - ئادىتى ئويۇنلىرىدىن ھۇزۇرلانغاندىكى خۇشاللىقىنى كۆرۈپ، قويۇق بايرام تۈسىنى ھېس قىلدىم. دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىل ئەجدىھا يىلى، ئەجدىھا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ھاياتىي كۈچى چەكسىز، بەخت - سائادەت قاتارلىق كۆپ خىل مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ، گۈزەل ئارزۇلار مۇجەسسەملەنگەن. كۆپچىلىك يېڭى بىر يىلغا تولۇق ئىشەنچ باغلاپ كۈنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. باھار بايرىمى مەزگىلىدە ھەرقايسى جايلار ئامما ياقتۇرىدىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كۆپرەك ئۆتكۈزۈپ، بايرامنى تېخىمۇ تەنتەنىلىك، تېخىمۇ خۇشال كەيپىياتقا تولدۇرسا بولىدۇ.

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ پىڭجىن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ تەپسىلىي كۆرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىي ئۇرۇش تارىخىنى ئۆگىنىشنى ۋە ئۆگەنگەننى ئۈزلۈكسىز ئۆزلەشتۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن قىزىل ھاكىمىيەتنى قەدىرلەپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى باتۇرلۇق بىلەن يېڭىشنى تەكىتلىدى.

2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ تيەنجىن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، تيەنجىننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ تيەنجىننىڭ دىققەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي خىزمەت ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچى قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان چوڭ شەھەرنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تيەنجىن سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تيەنجىن مەملىكەت بويىچە ئىلغار ياسىمىچىلىق تەتقىق قىلىپ ئېچىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەن - مائارىپ بايلىقى مول بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىشى، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشى كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بېيجىڭ بىلەن بولغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىكى ماسلىشىش ۋە كەسىپ سىستېمىسىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا دەرىجىلىك ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. تيەنجىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنىڭ تۈجۈپىلىكلىكى، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. بولۇپمۇ بازار ئىگىلىكى ئاساسىي تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، رايونلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە بېيجىڭ بىلەن تيەنجىننىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق شەھەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مەنىۋى خىسلىتىنى نامايان قىلىش شەھەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، شەھەر مەدەنىيلىكىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئوزۇقلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. تيەنجىن تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قىزىل مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت كەسىپ سىستېمىسى، بازار سىستېمىسى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، روشەن خاسلىققا ۋە چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنغا ئىگە مەدەنىيەت داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، تيەنجىننىڭ زامانىۋىلاشقان يېڭى قىياپىتىنى يەنىمۇ نامايان قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەر ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش زامانىۋىلاشقان چوڭ شەھەر قۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە. تيەنجىن خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاپ، خەلق ئاممىسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك. ئىچكى ئامىللىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئېلاستىكلىققا ئىگە بىخەتەر شەھەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى پائال يولغا قويۇپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەرنىڭ كەسىپ ھالىتى، ئىقتىدارى، سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، شەكىلۋازلىقنى سىجىل تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى، ماددىي ئەشيا، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى قاتارلىق خىزمەتلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام، ئىناق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

لى گەنجيې، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمراھ بولۇپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۇقىرىقى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.