مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پىشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش مۇناسىۋىتى بىلەن باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى ئۆتكۈزدى

2024-02-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئويۇننى كۆردى، ئويۇن كۆرۈشكە قاتناشقان ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلار ۋە پۈتۈن ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلاردىن ھال سوراش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرغان باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى 1 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئويۇننى كۆردى، ئويۇن كۆرۈشكە قاتناشقان ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلار، پۈتۈن ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم كادىرلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.

جەڭ ناخشىسى ياڭراپ باھار بايرىمى كۈتۈۋېلىندى، قۇدرەتلىك ئارمىيە يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇش، قوغداش، گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى پېشقەدەم كادىرلار جۇڭگو تىياتىرخانىسىغا خۇشال جەم بولۇپ، كاتتا باھار بايرىمىنى شادلىق ئىلكىدە كۈتۈۋالدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، شى جىنپىڭ پېشقەدەم يولداشلار ئارىسىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيە ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتتى. پېشقەدەم يولداشلار بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز.

ئويۇن «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت جەڭگىۋار ئەترىتىنىڭ ئەسكەرلەرگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئەسلىي ئۇسلۇبىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدىكى ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ يادرونى سادىقلىق بىلەن قوغداش، جاسارەت بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان روھىي قىياپىتىنى تولۇق نامايان قىلغان. «يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپە، يېڭى بىر يىلدىكى يېڭى نىشان»، «جەڭ ناخشىسى ئارقىلىق باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇل بىلەن ئويۇننىڭ مۇقەددىمىسى باشلىنىپ، خۇشال، قىزغىن بايرام كەيپىياتى يارىتىلدى. «نۇرغا ئەگىشىش» ناملىق كۆرۈنۈشلۈك ناخشىدا، ئىدىيە ئارقىلىق ئىستىقبالنى يورۇتۇش، كۈرەش قىلىپ كەلگۈسىنى يارىتىشتەك ئۇلۇغۋار ئەمەلىيەت قىزغىن كۈيلىنىپ، پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئارمىيە روھىنى مۇستەھكەملەش ئىرادىسى ۋە جاسارىتى روشەن ئىپادىلەنگەن. «پولاتتەك تاۋلىنىش» ناملىق ئومۇمىي خوردا، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەربىيەلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۇرغۇغان يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىيات نامايان قىلىنغان، پاك شان - شەرەپنى مۇستەھكەملەش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشتەك قەتئىي ئېتىقاد نامايان قىلىنغان. «ئاتلانغان پەيتتە» ناملىق ناخشا ۋە «ھەل قىلغۇچ غەلىبە» ناملىق ئۇسسۇل قاتارلىق نومۇرلاردا، قىسىملارنىڭ ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشتەك ھوشيار ھالىتى ۋە بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىشتەك ئاتاكىغا ئۆتۈش ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. «جەڭچىنىڭ ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتى»، «تاغ - دەريالار ئەستىن چىقارمايدۇ»، «خەلققە دوكلات» ناملىق خور ۋە ناخشا ياڭراق، جۇشقۇن بولۇپ، خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرا مۇداپىئە كۈرەشلىرى، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، مەملىكەت سىرتىدا چياۋمىنلارنى قايتۇرۇپ كېلىش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەردىكى بۇرچ - مەسئۇلىيىتى ۋە چوڭقۇر مۇھەببىتى، ھېسسىياتى قايتا نامايان قىلىنىپ، قويۇق رەڭدار تۈستە قەھرىمانلار كۈيلەنگەن، قەھرىمانلارغا مەدھىيە ئوقۇلغان. «يەنئەنگە مەدھىيە»، «خۇڭمېيغا مەدھىيە»، «مەن بىر ئەسكەر» ناملىق يېڭىدىن تەييارلانغان كىلاسسىك ناخشىلار ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنىڭ قىزىل ئەسلىمىسىنى ئويغاتتى، «خۇش خەۋەر» ناملىق قىسقا تىياتىردا ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ تۆھپىكارلار، نەمۇنىچىلارنى ھۆرمەتلەشتەك تەسىرلىك ھېكايىلىرى بايان قىلىنىپ، ئېسىل ئەنئەنىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كۈچىنى مۇجەسسەملەشنىڭ جانلىق مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان. «ساپ مۇھەببىتىمنى ۋەتىنىمگە بېغىشلايمەن، جەڭ مەيدانىدا ئارزۇغا ئىنتىلىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش جەڭ ناخشىسىنى ياڭرىتىمەن»، ئويۇن «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» ناملىق ئومۇمىي خور بىلەن ئاخىرلىشىپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادە ئىزھار قىلىندى. ئويۇندا تېجەشلىك، ئاددىي - ساددا بولۇشنىڭ گۈزەللىكى، غەيرەت ۋە كۈچلۈك جاسارەت نامايان قىلىنىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش مەدەنىيىتىنىڭ يېپيېڭى كەيپىياتى نامايان قىلىندى.

جاڭ يوۋشيا، خې ۋېيدۇڭ، ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن بىللە كۆردى.

ئويۇننى كۆرگەنلەردىن يەنە ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى رەھبەرلەر ۋە قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بار.