14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2024-03-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

     شى جىنپىڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى

لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى، جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. جاۋ لېجى ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى تەنتەنىلىك، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، رەئىس سەھنىسىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا دۆلەت گېربى قىپقىزىل بايراقلار ئارىسىدا چاقناپ تۇراتتى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى، ئىجرائىيە رەئىسلىرى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، ليۇ چى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2956 كىشى. 3 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى يىغىنغا قاتناشقانلار 2872 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 84 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، جاۋ لېجى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 - يىغىنى ئېچىلدى، دەپ جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدىكى ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: بىرىنچى، 2023 - يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر؛ ئىككىنچى، 2024 - يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە سىياسەت يۆنىلىشى؛ ئۈچىنچى، 2024 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ۋەزىپىلەر.

لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىل، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان تۇنجى يىل. ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىچكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە تىنچ باسقۇچقا ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇھىم ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەر تولۇق تاماملاندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مۇقىملىق ساقلاندى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق: بىرىنچى، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدۇق؛ ئىككىنچى، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، شەھەر - يېزا رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتتۇق؛ ئۈچىنچى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلىدۇق؛ تۆتىنچى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتۇق؛ بەشىنچى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەپ چىڭ تۇتۇپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتۇق؛ ئالتىنچى، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈردۇق.

لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، بىز يەنە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يەتتۇق. بىز چوقۇم مەسىلە ۋە خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، خىزمەتلەرنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويمايمىز.

لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. بۇ يىللىق تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشان: ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش؛ شەھەر - بازارلاردا 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاردا ئېنىقلانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنى %5.5 ئەتراپىدا تىزگىنلەش؛ ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى %3 ئەتراپىدا بولۇش؛ ئاھالە كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ماس قەدەمدە بولۇش؛ خەلقئارا كىرىم - چىقىمنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇشىنى ساقلاش؛ ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئاشۇرۇش؛ بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى %2.5 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش.

لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق كۆرسەتتى: بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ يىللىق تەرەققىياتتىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتا، جەزمەن شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە سالماق بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ ۋە كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

لى چياڭ دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بىز چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى كۈچەپ بۇزۇپ تاشلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز: زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرىمىز؛ دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمىز؛ ئىچكى ئېھتىياجنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشى ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرىمىز؛ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تۈگىتىمىز؛ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز؛ شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بىلەن رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرىمىز؛ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىمىز؛ ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىمىز ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىمىز.

دوكلاتتا، لى چياڭ يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مىللەت، دىن ۋە چياۋمىنلار ئىشلىرى خىزمىتى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى.

يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 2023 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2024 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات ھەم 2024 - يىللىق خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى، گوۋۇيۈەننىڭ 2023 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2024 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات ھەم 2024 - يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنى گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى ۋە خىزمەت تۈزۈمى توغرىسىدىكى تۈپ قانۇن بولۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتى مۇساپىسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سىستېما خاراكتېرلىك، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلغان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان فۇنكسىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈردى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەش ئاساسىدا، گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلار گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش روھى ۋە نەتىجىلىرى قانۇن بەلگىلىمىلىرى ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يېڭى دەۋردىكى گوۋۇيۈەننىڭ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشىدىكى مۇقەررەر تەلەپ، گوۋۇيۈەننىڭ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇشىنىڭ تۈزۈم كاپالىتى، يېڭى دەۋردە ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش، قانۇنچىل ھۆكۈمەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى مۇھىم تەرەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك تەدبىر. گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي قانۇنىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى جەمئىي 20 ماددا بولۇپ، ئاساسلىق تۈزىتىش كىرگۈزۈلىدىغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: گوۋۇيۈەننىڭ خاراكتېرى، ئورنىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى كۆپەيتىش، گوۋۇيۈەن خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا دائىر بايانلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكىلەرگە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، گوۋۇيۈەننىڭ ئاپپاراتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، گوۋۇيۈەننىڭ يىغىن تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، گوۋۇيۈەننىڭ فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئادا قىلىشىغا دائىر تۈزۈم تەدبىرلىرىنى كۆپەيتىش.

رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالغانلاردىن يەنە ما شىڭرۇي، ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن، جاڭ جۈن، يىڭ يۇڭ، خۇ چۇنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، پابالا گېليېلاڭجيې، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار بار.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ھەم رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئازادلىق ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى ياكى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.

چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى يىغىننى سىرتتىن قاتنىشىپ ئاڭلىدى.