تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2024-03-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چاڭشا، 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرىدە يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئوتتۇرا قىسىم رايونلار دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئېنېرگىيە خام ماتېرىيال بازىسى، زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقى ھەم يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بازىسى ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش ـ تىرانسپورت تۈگۈنى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې، سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تاڭ دېڭجيې، ئەنخۇي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خەن جۈن، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن خۇڭ، خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لوۋ ياڭشېڭ، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مېڭخۇي، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شېن شياۋمىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالدىنقى قېتىمدىكى ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىنكى بەش يىلدا، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ ئىقتىسادى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، كەسىپ ئاساسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭى قەدەم تاشلىنىپ، جەمئىيەت ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى سەۋىيەسى سىجىل ئۆسۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمى تېزلىشىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنى كۆرۈش كېرەككى، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ھېلىھەم نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ھەقىقىي تۈردە تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مەۋقەنى ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ ئاساسقا قويۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە قۇرۇپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم پەن ـ تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تېخنىكىلىق تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىن زىچ ھەمكارلىشىدىغان يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ـ ئوقۇتۇش ـ تەتقىقاتنى يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ياسىمىچىلىقتا مۇھىم تېخنىكا ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە زور كۆلەملىك ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باشقا زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن جىپسىلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىش ۋە تىرەك بولۇش كېرەك. بېيجىڭ ـ تيەنجىن ـ خېبېي، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن چوڭقۇر ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىش، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ پەلەمپەيسىمان يۆتكىلىشىنى تەرتىپلىك قوبۇل قىلىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. زامانىۋىلاشقان قاتناش ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ چوڭ يول ئەندىزىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. رايون ئىچى، ئۆلكىلەر ئارا ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شەھەرلەر توپى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركىزىي شەھەر چەمبىرەكلىرى ئارا ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھ قىلىش بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى سىجىل بەرپا قىلىش كېرەك. مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار ئىگىلىكى ئاساسىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك قورۇقچىلىق قىلىمىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، تۈزىتىپ، ھەرخىل ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى مۇھىم ئامىلىنىڭ رايون ھالقىپ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە ئۇنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشكە تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىش كېرەك. تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، يېڭى ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى، غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق تېخىمۇ كۆپ سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور رول ئويناش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى مۇھىم ئامىل بايلىقىنى جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىشنى قوللاپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش بىلەن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل ئوتتۇرا قىسىم رايوننى تېز قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، چوڭ دەريا، چوڭ ئېقىنلار ۋە مۇھىم كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى سىستېمىلىق تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ماس تۈزەشنى كۈچەيتىپ، شەھەر ـ بازارلارنىڭ تۇرمۇش يۇندىسىنى يىغىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاش كېرەك. كەسىپ، ئېنېرگىيە، قاتناش ـ تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، بايلىقتىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، ئايلانما پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋادىنىڭ گورىزونتال ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تۆلەم تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ۋە ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ـ يېزا ئارىسىدا ئاممىۋى بايلىقنىڭ تەڭپۇڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، شەھەرلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ يېزىلارغا كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، يېزا ـ كەنت مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى ئالغا سىلجىتىپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە خەلقنى بېيىتىشنى قوللاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك. ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كونا ئىنقىلابىي رايونلار ۋە ئانچە تەرەققىي قىلمىغان ناھىيە(شەھەر، رايون)لەرنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، يار ـ يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېزا ـ كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋجلاندۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاكتىپ ۋە ساغلام بولغان جەمئىيەت ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش فۇنكسىيەلىك رايونى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش مۇھاپىزەت رايونى ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، تەمىنلەش بازىسى بەرپا قىلىپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمۈر، سىرەك توپا قاتارلىق بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كۆمۈر قاتارلىق تاشقاتما ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت كۆپ خىل ئېنېرگىيەنىڭ ئۆزئارا تولۇقلىشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز رايونلار ماس تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. جايلاردىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى، زور ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، باھالاش، رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، كادىرلارنى دادىل يول ئېچىشقا، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

لى چياڭ سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنى پۈتكۈل دۆلەت تېررىتورىيەسىگە قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تىرەك بولۇشقا قويۇپ ئورنىنى بېكىتىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا قىسىم رايونلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقا رايونلارنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىگە ئۇدۇللىشىپ، شەرقىي قىسىم رايونلارنىڭ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى پائال كىرگۈزۈپ، غەربىي قىسىم رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. تىرىشىپ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاپ، يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، رايوننىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئومۇميۈزلۈك ھەمتۈرتكە بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئاشلىق، ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، مۇ خۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار جايلار، ئالاقىدار كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.