جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2024-07-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. شى جىنپىڭ «قارار (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» ھەققىدە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى 2024 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى 2024 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

ئىسلاھاتنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 2035 - يىلىغا بارغاندا، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى نىشانلاپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى نىشانلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش لازىم. 2029 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 80 يىل بولغاندا، مەزكۇر قاراردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2024 - يىلى 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى 2024 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېتنىڭ 199 ئەزاسى، 165 كاندىدات ئەزاسى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن قىسمەن ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

ئومۇمىي يىغىن شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. شى جىنپىڭ «قارار (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» ھەققىدە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.

ئومۇمىي يىغىن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. يىغىن بىردەك مۇنداق قارىدى: كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 1 -، 2 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىرگەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش نەزەرگە ئېلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىلانلاپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مۇھاپىزىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى ۋە تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلىدى.

ئومۇمىي يىغىن يېڭى دەۋردىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇتۇقلۇق ئەمەلىيىتى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە مۇنداق قارىدى: ھازىر ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىل قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان ھالقىلىق مەزگىل. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ كەلدى، يەنە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش داۋامىدا پارلاق ئىستىقبال قۇچىدۇ. چىگىش، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت، يېڭى نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇ - ئارمانلىرى ئالدىدا، ئىسلاھاتنى ئاڭلىق ھالدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش شەرت.

ئومۇمىي يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ ۋە ئاشۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش نەزەردە تۇتۇپ، «بەشنى بىرگەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى باشلامچى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ، دۆلەت ئىدارە قىلىش بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىش شەرت.

ئومۇمىي يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. 2035 - يىلىغا بارغاندا، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سېلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشنى نىشانلاپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى نىشانلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو بەرپا قىلىشنى نىشانلاپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ئۇزاققىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشانلاپ، ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش لازىم. 2029 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 80 يىل بولغاندا، مەزكۇر قاراردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ ۋە قوللىنىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق پىرىنسىپلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى بەرپا قىلىپ، ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئارمىيە ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا رەھبەرلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان بازار مۇھىتى يارىتىپ، بايلىق تەقسىملەشنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە، پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىگە يەتكۈزۈپ، «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش» بىلەن «تىزگىنلەپ تۇرۇش»نى تەڭ ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازار تەرتىپىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، بازارنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تولۇقلاپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش شەرت. ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قىلچە تەۋرەنمەي رىغبەتلەندۈرۈپ، قوللاپ ۋە يېتەكلەپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىدىن باراۋەر پايدىلىنىشى، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشى، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات − سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە. ئىسلاھاتقا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى مەۋقە قىلىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان رىغبەت - چەكلىمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش شەرت. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مائارىپ، پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارغا دائىر تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش شەرت. مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىلمىي ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە ھۆكۈمەت ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش − سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ماكرو سىياسەت يۆنىلىشى بىلەن بىردەكلىكىنى ئاشۇرۇش شەرت. دۆلەتلىك ئىستراتېگىيە، يىرىك پىلان سىستېمىسى ۋە سىياسەتنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە - باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلار ماس تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر - يېزىلارنى پىلانلاش، قۇرۇش، ئىدارە قىلىشنىڭ يۇغۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شەھەر - يېزا ئامىللىرىنىڭ باراۋەر ئالماشتۇرۇلۇشى، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزا پەرقىنى كىچىكلىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرت. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئېچىۋېتىش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى. سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئېچىۋېتىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش شەرت. تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، تاشقى سودا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى، ئاساسىي سىياسىي تۈزۈمى، مۇھىم سىياسىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىك دېموكراتىيە شەكىللىرىنى بېيىتىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە كونكرېت ۋە ئەمەلىي نامايان قىلىش شەرت. خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بۈيۈك بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: قانۇنچىللىق − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش شەرت. قانۇن چىقىرىش ساھەسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەتكە چېتىشلىق قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر - بىرىگە ماسلىشىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتكە تېز ماسلىشىپ، زور كۆلەملىك مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش شەرت. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خەلقئارا تارقىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش شەرت. كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېبابەت، دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نوپۇس تەرەققىياتىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزملارنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئاساسىي تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى ياخشى ھەمتۈرتكە قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چەتكە چېتىشلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش شەرت. خەلق ئارمىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرلەشمە جەڭ قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيە - يەرلىك ھالقىغان ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكى − يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يۈكسەك ئاڭلىقلىقنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىغا دائىر تۈزۈم - قائىدە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىنى يېڭىلىشى، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. مۇستەقىل - ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتلەرنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك ئاساستا كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، سىغدۇرۇشچانلىق ئاساسىدا دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتى مېخانىزملىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش شەرت.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش − پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى زور سىياسىي ۋەزىپىسى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپلىرى، مۇھىم تەدبىرلىرى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە «قارار»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە چىڭ تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت ھەققىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ماكرو سىياسەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى پائال ئاشۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرۇپ، تاشقى سودا يېڭى قۇۋۋىتىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش لازىم. 14 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى يەكۈنلەپ ۋە باھالاپ، 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك پىلانلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆي - زېمىن، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەت، بولۇپمۇ كەلكۈن - ھۆلچىلىك ئاپىتىنى كۆزىتىش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي خەۋپسىزلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى مۇستەھكەملەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش لازىم. ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش كېرەك. تاشقى خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پايدىلىق تاشقى مۇھىت يارىتىش لازىم.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرگەن ھالدا، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قوراللىنىشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزم سەۋىيەسى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئىللەتلىرىنى تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىپ، پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش لازىم.

ئومۇمىي يىغىن پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن دىڭ شياڭچۈن، يۈ لىجۈن، يۈ جىخۇڭلارنى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىقىغا تولۇقلاشنى قارار قىلدى.

ئومۇمىي يىغىن يولداش چىن گاڭنىڭ ئىستېپا ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، يولداش چىن گاڭنى مەركىزىي كومىتېت ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.

ئومۇمىي يىغىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ لى شاڭفۇ، لى يۈچاۋ، سۈن جىنمىڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىقتى ۋە ماقۇللىدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى لى شاڭفۇ، لى يۈچاۋ، سۈن جىنمىڭلارغا بەرگەن پارتىيەدىن چىقىرىۋېتىش جازاسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!