شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن كۆرۈشتى

2024-07-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ مىڭدا) 7 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى ئاي ئىلگىرى، مەن ۋېنگىرىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، بىز جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلاپ، بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىغا يېڭى تارىخىي ئەھمىيەت بېغىشلىدۇق، شۇنداقلا جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتۇق. كېلەر ھەپتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، جۇڭگو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ، جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە ھەمكارلىقىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، داۋاملىق بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى سىجىل بېيىتىپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا جۇغراپىيەلىك سىياسىي زىددىيەت يوق، تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق. جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە، جەزمەن مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ساقلاپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى تەرەپ ھەمراھلارنىڭ ئورنىنى توغرا بېكىتىش ۋە ھەمكارلىق ئاساسىي ئېقىم رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ۋېنگىرىيە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئوربان مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى ئاي ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەدە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى. ئىككى ئايدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دوستلۇق ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ۋېنگىرىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. نۆۋەتتىكى ئەنسىزلىككە تولغان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو تىنچلىقنى سۆيۈپلا قالماستىن، بەلكى بىر قاتار ئىجابىي مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم مۇقىم كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ۋېنگىرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ رولى ۋە تەسىرىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ۋېنگىرىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، «كىچىك چەمبىرەك» قىلمىشى بىلەن شۇغۇللىنىش ۋە لاگېرلار ئارا قارشىلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق ھالدا ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئوربان يېقىندا ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغاندىكى ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن خەۋەرلەندۈردى. شى جىنپىڭ ئورباننىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاقىدار قارىشى ۋە تەشەببۇسىنى بايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇرۇشنى بالدۇرراق توختىتىش، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ھازىرقى مۇھىم نۇقتا «جەڭ مەيدانىنى سىرتقا كېڭەيتىۋەتمەسلىك، ئۇرۇشنى ئۇلغايتىۋەتمەسلىك، ھەرقايسى تەرەپلەر ئوت قۇيرۇقلۇق قىلماسلىق»تىن ئىبارەت ئۈچ پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىپ، ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە تېزدىن تۈرتكە بولۇش. خەلقئارا جەمئىيەت ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ياردەم بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. پەقەت بارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى پاسسىپ كۈچنى ئەمەس بەلكى ئاكتىپ كۈچنى جارى قىلدۇرغاندىلا، بۇ مەيدان توقۇنۇشتا ئاندىن بالدۇرراق ئۇرۇش توختىتىشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق پائال تۈردە ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈردى، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا پايدىلىق بارلىق تىرىشچانلىقلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردى. جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ ئاساسىي تەشەببۇسى ۋە تىرىشىش يۆنىلىشى بىردەك. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە تەرەپ ھەمدە ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ساقلاشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.