شى جىنپىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» ئاستانا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2024-07-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» ئاستانا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ماكانىنى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» ئاستانا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ماكانىنى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. باشلىقلار يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ توقايېف يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئاستانا، 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن خاۋ، خۇاڭ خې، جاڭ جىيې) شۇ جاي ۋاقتى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاستانىدا «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» ئاستانا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ماكانىنى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز تۇنجى قېتىم «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» شەكلىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدۇق، ياخشى دوستلار، يېڭى ھەمراھلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇھىم ئىشلارنى ئورتاق كېڭەشتۇق، بۇ، يېڭى دەۋر شارائىتىدا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىدىيەسىنىڭ كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دوستلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە نامايان بولماقتا. ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى چوڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەش بىلەن بىللە، خەتەرلىك، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللارمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. بۇ ئۆزگىرىشكە ياخشى تاقابىل تۇرۇشتا، ئاچقۇچلۇقى ئۆزگىرىشنى تونۇش ئەقىل - پاراسىتى، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىش تەدبىرى، ئۆزگىرىش ياساش جاسارىتى بولۇش كېرەك. بىز تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باشتىن - ئاخىر «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان، ئۆز رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، تېخىمۇ گۈزەل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ماكانىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى خاتىرجەم ياشاش، خۇشال - خۇرام ئىشلەش، بەختلىك ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ بەش نۇقتىلىق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ئورتاق ماكان قۇرۇش كېرەك. «شاڭخەي روھى» تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى بىلەن تومۇرداش، بۇ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئورتاق قىممىتى بولۇپ، جەزمەن ھەسسىلەپ قەدىرلەش، باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلىش كېرەك. بىز بىر - بىرىمىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداشنى قوللاپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سىياسىي پارتىيەلەر مۇنبىرىنى دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈش تەكلىپى بېرىدۇ.

ئىككىنچى، تىنچ، خاتىرجەم بولغان ئورتاق ماكان قۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى خەۋپسىز بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي خەۋپسىزلىك ئىشقا ئاشىدۇ. خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى مېخانىزمى ۋاسىتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپسىزلىك تەھدىتى ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال مەركىزى ھەم ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئاپپاراتلارنى تېز قۇرۇپ، زەھەر چەكلەش مەركىزى قۇرۇپ، ئاخبارات ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشمە ھەرىكەتنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقى − 2024» تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى ئۆتكۈزىدۇ. ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچ قايتا قۇرۇش يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان ئورتاق ماكان قۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ 2025 - يىلىنى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىلى» قىلىپ بېكىتىش تەكلىپىنى بېرىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، يەرلىك ئىقتىساد - سودا بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، خەلقئارا ئاي شارى پەن تەتقىقات پونكىتى قۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك مائارىپ ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ تەشكىلاتتىكى دۆلەتلەرنى رەقەملىك تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش سانى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

تۆتىنچى، ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتىدىغان ئورتاق ماكان قۇرۇش كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق خەلق ئىچى ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىك مۇنبىرى، خەلق ئىچى دوستلۇق مۇنبىرى، ياشلار ئالماشتۇرۇش لاگېرى، ياشلار تەرەققىيات مۇنبىرى قاتارلىق داڭلىق ماركا پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ چىڭداۋ يېشىل تەرەققىيات مۇنبىرى، ئاياللار مۇنبىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز. كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو تەرەپ بۇ تەشكىلاتتىكى دۆلەتلەرنى 1000 ياش جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش سانى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بەشىنچى، ئادىل، ھەققانىي بولغان ئورتاق ماكان قۇرۇش كېرەك. باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىنى تۈگىتىش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى»نى قوشۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى مۇقەررەر تاللاش. ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، جۇڭگو نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇ تەشكىلاتتىكى ھەمراھلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، «شاڭخەي روھى»نى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ كەلگۈسىنى تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغان قازاقىستاننىڭ زۇڭتۇڭى توقايېف يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف، ئىراننىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى موخبېر ۋە ھىندىستان ۋەكىلى، كۆزەتكۈچى دۆلەت بولغان موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ رەھبىرى، رەئىس دۆلەتنىڭ مېھمانلىرىدىن ئەزەربەيجان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، تۈركىيە، تۈركمەنىستان رەھبەرلىرى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

باشلىقلار يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ توقايېف يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.