شى جىنپىڭ شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئورۇنغا لەۋھە تارقىتىپ بەردى
7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ھالدا شەرەپلىك نام بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «نەمۇنىلىك راكېتا توپچىلار ليەنى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەلۇم لۈيىنىڭ 1 - يىڭ 2 - ليەنىگە لەۋھە بەردى ھەم بۇ ليەندىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقى پەيتىدە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ھالدا شەرەپلىك نام بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئورۇنغا لەۋھە تارقىتىپ بەردى.
1 - ئاۋغۇست بىناسىدىكى مۇراسىم نەق مەيدانىدا، قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋە مەمۇرىي خادىملار ۋەكىللىرى رەتلىك سەپكە تىزىلغان بولۇپ، كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن ئىدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، 18 نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى ھۆرمەت قەدەم بىلەن مەيدانغا كىرىپ، قورال تۇتۇپ ئىككى تەرەپتە تىك تۇردى، تارقىتىش مۇراسىمى باشلاندى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا شى جىنپىڭ ئىمزالىغان مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شەرەپلىك نام بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
جاراڭلىق، كۈچلۈك «خەلق ئارمىيەسى پارتىيەگە سادىق» ناملىق مۇزىكا ئىچىدە، شى جىنپىڭ «نەمۇنىلىك راكېتا توپچىلار ليەنى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىنىڭ 1 - يىڭ 2 - ليەنىگە لەۋھە بەردى. ليەندۈيدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىلى شى جىنپىڭغا ھۆرمەت سالىمى بېرىپ، تەنتەنىلىك ھالدا لەۋھەنى تاپشۇرۇپ ئالدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈرۈپ تەبرىكلىدى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
تارقىتىش مۇراسىمى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شەرەپلىك نام بەرگەن ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.