شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2025-05-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن موسكۋادىكى كىرېمىل سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: پۇتىن گىئورگى زالىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن موسكۋادىكى كىرېمىل سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پەيتىدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى بىرلىكتە ئىمزالىدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، خۇ شياۋگۇاڭ) شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن موسكۋا كىرېمىل سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى ھەم مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش؛ توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى قارىشىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قوغداش، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشقا بىردەك قوشۇلدى.

5 - ئايدىكى موسكۋادا ئاسمان كۆپكۆك ئىدى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يېتىپ بارغاندا، كىرېمىل سارىيىنىڭ سىلىڭى ئاپتوموبىلدىن چۈشىدىغان جايدا كۈتۈۋالدى.

پۇتىن گىئورگى زالىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ھەيۋەتلىك قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا گىئورگى زالىنىڭ ئىككى تەرىپىدىن قىزىل پاياندازنى بويلاپ مەزمۇت قەدەم بىلەن زالنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىپ، سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ سۈرەتكە چۈشتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كىچىك دائىرىلىك، چوڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى مۇقىم، ساغلام، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، ئۇزاق مەزگىل ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندى. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق رىشتى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە يەرلىكنىڭ ئالاقىلىشىشى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ تەمكىن بولدى، ئىشەنچكە تولدى، مۇقىم، مۇستەھكەم بولدى. تارىخ ۋە رېئاللىق شۇنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردىكى، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى سىجىل راۋاجلاندۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشقان دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشتا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇشى، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى - گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇقەررەر تاللىشى، شۇنداقلا خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ دەۋر چاقىرىقى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى. 80 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت خەلقى غايەت زور قۇربان بېرىپ، ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان تارىخىي تۆھپىلەرنى قوشقان. ھازىر، خەلقئارادىكى يەككە تەرەپچىلىك تەتۈر ئېقىمى ۋە زوراۋانلىق، زومىگەرلىك قىلمىشلىرى ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى قارىشىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قوغداپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت ھەم كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىغا، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولىدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتتىكى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇللىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تاشقى كاشىلىنى تۈگىتىپ، ھەمكارلىقنىڭ «مۇقىم بولۇش» ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلىشى، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ تولۇقلىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردە يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سۇپا قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىشى كېرەك؛ «جۇڭگو - رۇسىيە مەدەنىيەت يىلى»نىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قوزغىتىپ، مائارىپ، كىنو، ساياھەت، تەنتەربىيە، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئۆزگىرىشىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بار. مەيلى تاشقى مۇھىتتا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ئۆز ئىشىنى قەتئىي ياخشى قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دەۋر يۈكلىگەن ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، دۇنيا كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپلا قالماي، يەنە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە قوغدايدۇ.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئورنىتىلغان بولۇپ، 3 - تەرەپكە قارىتىلمىغان، مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم ئىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. قەتئىي تەۋرەنمەي رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش رۇسىيە تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى. رۇسىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەن مەسىلىسىدە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى باشتىن - ئاخىر قوللايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلاملىقلارنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ياشلار، ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىراق شەرق رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. يۇقىرى سوممىلىق تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش قائىدىگە خىلاپ ھەم قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس، پەقەت ئۆزىگە زىيان سالىدۇ. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلار ئىچىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىنى قوللاپ، ئورتاق ھالدا يەككە تەرەپچىلىككە قارشى تۇرۇپ، قالايمىقان چەكلەشكە قارشى تۇرۇپ، گۇرۇھلار قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا غايەت زور قۇربان بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى باتۇرانە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. رۇسىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت جاپالىق ئۇرۇش يىللىرىدا ئۆزئارا قوللاپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدى. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ توغرا تارىخىي بايانىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پەيتىدە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئورتاق ئىمزالىدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى تەرەپنىڭ 20 نەچچە پارچە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇشىغا گۇۋاھ بولدى، بۇ، دۇنياۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىق، خەلقئارا قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش، بىيوخەۋپسىزلىك، مەبلەغ سېلىشنى قوغداش، رەقەملىك ئىقتىساد، كارانتىن قىلىش، كىنو ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە، ئالاقىلىشىش ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇردى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

شۇ كۈنى چۈشتە، پۇتىن شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.