شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، رۇسىيە كاتتا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە دۇنيادىكى 20 نەچچە دۆلەت ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن رەھبەرلەر تەكلىپ بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، رۇسىيە كاتتا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە دۇنيادىكى 20 نەچچە دۆلەت ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن رەھبەرلەر تەكلىپ بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. خاتىرىلەش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە قىزىل مەيداندىن ئالېكساندىر باغچىسىغا كېلىپ، نامسىز قەھرىمانلار قەبرىسىگە گۈل تەقدىم قىلدى ھەم سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، رۇسىيە كاتتا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە دۇنيادىكى 20 نەچچە دۆلەت ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن رەھبەرلەر تەكلىپ بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. خاتىرىلەش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، موسكۋا، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، دىڭ دېچى) شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، رۇسىيە كاتتا خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە دۇنيادىكى 20 نەچچە دۆلەت ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەلگەن رەھبەرلەر تەكلىپ بىلەن خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
5 - ئايدىكى موسكۋا يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغانىدى، غەلىبە كۈنى بايرىقى شامالدا جەۋلان قىلىپ، ھەيۋەتلىك قىزىل مەيدان تەنتەنىلىك كاتتا مۇراسىم كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى.
شى جىنپىڭ كىرېمىل سارىيىغا كېلىپ، شۇ جايدا كۈتۈپ تۇرغان رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئارقىدىن رەئىس شى جىنپىڭ، زۇڭتۇڭ پۇتىن بىرلىكتە پىيادە مېڭىپ قىزىل مەيدانغا بېرىپ، ئاساسىي كۆرۈش سۇپىسىغا چىقىپ ئورۇن ئالدى.
سائەت دەل 10دا، كىرېمىل سارىيىدىكى لەرزان قوڭغۇراق ئاۋازىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ خاتىرىلەش مۇراسىمى باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر «مۇقەددەس ئۇرۇش» مۇزىكىسىنى ئورۇنلىدى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتى رۇسىيەنىڭ دۆلەت بايرىقى، ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە بايرىقىنى قوغداپ مەيدانغا كىردى.
پۇتىن سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: سوۋېت ئىتتىپاقى سانسىز قۇربان بېرىش ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغدىدى. بىز غەلىبە پەيتىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مۇقەددەس شەرەپنى مەڭگۈ قوغدايمىز. جۇڭگو خەلقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلدى، بىز جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق كەلگۈسىنى ئېچىش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايمىز. بىز 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخنى ئەينەك قىلىمىز. غەلىبە مۇقەددەس، تارىخنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، غەلىبە قىلغۇچىلارنى ھاقارەتلەشكە بولمايدۇ. تارىخ ۋە ئادىللىق مەڭگۈ بىز تەرەپتە.
ئارقىدىن ھەربىي ئوركېستىر رۇسىيەنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، قىزىل مەيداندا ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، كاتتا ھەربىي پارات باشلىنىپ، ھەربىي پاراتتىن ئۆتىدىغان چاسا ئەترەت رەتلىك قەدەم تاشلاپ تەرتىپ بىلەن قىزىل مەيداندىن ئۆتتى. ھەربىي پاراتنىڭ «تارىخ» بۆلىكىدە، رۇسىيەنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ھەربىي فورمىنى كىيىپ، شۇ يىللاردىكى ھەربىي بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شۇ چاغدىكى قوراللارنى چىڭ تۇتۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، كىشىلەرنى فاشىستلارغا زەربە بەرگەن پەۋقۇلئاددە يىللارغا ئېلىپ كىردى. ھەربىي پاراتنىڭ «ھازىرقى زامان» بۆلىكىدە، رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى ئارمىيە قىسىم تۈرلىرى چاسا ئەترىتى، زامانىۋى قورال - جابدۇق چاسا ئەترىتى رەتلىك سەپ تۈزۈپ ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسىنىڭ ئۇچۇش ئەترىتى قىزىل مەيدان ئاسمىنىدىن غۇيۇلداپ ئۇچۇپ ئۆتتى، «غەلىبە كۈنى» مۇزىكىسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى. جۇڭگو قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچلىرى چاسا ئەترىتىمۇ تەكلىپ بىلەن ھەربىي پاراتقا قاتناشتى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى چاسا ئەترىتىنىڭ قىياپىتى رەتلىك، جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن بولۇپ، كۈچلۈك، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ قىزىل مەيداندىن ئۆتتى.
مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىللە قىزىل مەيداندىن ئالېكساندىر باغچىسىغا كېلىپ، نامسىز قەھرىمانلار قەبرىسىگە گۈل تەقدىم قىلدى ھەم سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. ئارقىدىن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن تەبرىكلەش زىياپىتىگە قاتناشتى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.