9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پورتۇگالىيە زۇڭلىسى مونتېنېگرو بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ما جويەن) 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پورتۇگالىيە زۇڭلىسى مونتېنېگرو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە تارىخىي ئاساسى چوڭقۇر دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان روھىي ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئىككى تەرەپ دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق ئاۋمېن مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان، دۆلەت ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ پورتۇگالىيە تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو - پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشى، ئۆزئارا قوللىشى كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل، دېڭىز - ئوكيان، تېببىي دورا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئاۋمېننىڭ ئۆزگىچە كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو − پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدىغان دۆلەتلەر ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، پەن تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ ئالاقىسىگە ئىلھام بېرىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق قانچە گىرەلىشىپ كەتكەنسېرى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى شۇنچە كۈچەيتىشى، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. پورتۇگالىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ياۋروپا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. جۇڭگو تەرەپ پورتۇگالىيە تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مونتېنېگرو زۇڭتۇڭ دې سۇسانىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. مونتېنېگرو مۇنداق بىلدۈردى: پورتۇگالىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، ئىككى دۆلەت دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق ئاۋمېن مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلدى. ئۆتكەن 25 يىلدىكى ئاۋمېننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى يىلى توغرا قارار چىقارغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. پورتۇگالىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە داۋاملىق ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ پورتۇگالىيەنىڭ ئىقتىسادى ئەڭ قىيىن مەزگىلدە تۇرۇۋاتقاندا بەرگەن قىممەتلىك مەدىتى ۋە ياردىمىنى ئۇنتۇمايدۇ. پورتۇگالىيە تەرەپ پورتۇگالىيە - جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە، پۇل مۇئامىلە، سەھىيە، سۇچىلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، پورتۇگالىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم ئىدىيەنى قۇۋۋەتلەيدۇ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو ياۋروپانىڭ تەڭداشسىز ھەمكارلىق ھەمراھى، پورتۇگالىيە تەرەپ ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.