شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى
9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى رەتلىمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش روھىنى تاۋلاش كېرەك. ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنىدە خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى.
ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانىدا، ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئېگىز جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. مەيدان مەركىزىدىكى «ۋەتەنگە بەخت تىلەيمىز» ناملىق غايەت زور گۈل سېۋىتى ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بولغان گۈزەل تىلەكنى ئىپادىلەپ تۇراتتى. خاتىرە مۇنارىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى ئىككى گۇرۇپپا گۈللۈكتە ئاق جۇخارگۈلى قاتارلىق گۈللەردىن ھاسىل قىلىنغان 18 گۈلچەمبىرەككە بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قەھرىمانلار - قۇربانلارغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشى مۇجەسسەملەنگەنىدى.
سائەت 10غا يېقىن، شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن مەيدانىغا كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئوركېستىرىنىڭ كانايچىلىرى مۇڭلۇق ۋە ۋەزنىلىك «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى بۇرغىسى»نى چالدى.
«ھۆرمەت قاراۋۇللىرى تەييارلىنىڭلار!» دېگەن بۇيرۇق بېرىلىشى بىلەن، ئۈچ ئارمىيەنىڭ ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەردانە، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، ھۆرمەت قەدىمى بىلەن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مىلتىقلىرىنى تۇتۇپ تىك تۇردى.
سائەت دەل 10دا، خەلق قەھرىمانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.
دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ۋە جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گۈل تۇتقان ئۆسمۈر - بالىلار خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ «بىز كوممۇنىزم ئىزباسارلىرى» دېگەن ناخشىنى ئۈنلۈك ئېيتتى ھەم پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ ئەترەت سالىمىنى بەردى.
چاسا سەپنىڭ ئالدىغا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە ئامما، پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ نامىدا تەقدىم قىلىنغان توققۇز چوڭ گۈل سېۋىتى قاتار تىزىلغانىدى، گۈل سېۋىتىدىكى قىزىل لېنتىغا يېزىلغان «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن خەتلەر كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.
ھەربىي ئوركېستىر چوڭقۇر مۇھەببەتكە تولغان «گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسى»نى ئورۇنلىدى، 18 ھۆرمەت قاراۋۇلى گۈل سېۋەتلىرىنى مەزمۇت كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەم بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا قاراپ مېڭىپ، گۈل سېۋەتلىرىنى خاتىرە مۇنارىنىڭ ئۇل تەكچىسىگە قويدى.
شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى خاتىرە مۇنارى ئۇل تەكچىسىگە چىقىپ، گۈل سېۋىتى ئالدىدا توختاپ، زەن قويۇپ قارىدى. ئوتقاشتەك خۇڭجاڭ گۈلى، پورەكلەپ ئېچىلغان بەيخې گۈلى، خۇش پۇراق ۋېنشىنلەن گۈلىگە خەلق قەھرىمانلىرىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ۋە ئالىي ئېھتىرام مۇجەسسەملەنگەنىدى.
شى جىنپىڭ ئالدىغا بېرىپ، گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى كۆڭۈل قويۇپ رەتلىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئاستا قەدەم بىلەن خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىنى ئايلىنىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى. 80 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى مىسلىسىز مۇشەققەتلىك قان كېچىپ جەڭ قىلىش ئارقىلىق، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى 1 - قېتىملىق مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلماقتا.
ئۆسمۈر - بالىلار ۋە ھەر ساھە ۋەكىللىرىمۇ تەرتىپ بويىچە خاتىرە مۇنارى ئالدىغا كېلىپ، گۈل تەقدىم قىلدى ھەم خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.
گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن لى رىياسەتچىلىك قىلدى.
بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.
مەركەز پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى تۆھپە كۆرسىتىپ ۋە شەرەپ كەلتۈرۈپ تەقدىرلەش - مۇكاپاتلاشقا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.