شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيەدىكى ئىلغار ئورۇن، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2025-11-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭجوۋدا مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيەدىكى ئىلغار ئورۇن، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن گۇاڭجوۋدا مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى تەنتەربىيەدىكى ئىلغار ئورۇن، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى ۋە مەملىكەت بويىچە تەنتەربىيە سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنى جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن 15 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار گۇاڭجوۋ بەييۈن خەلقئارا يىغىن مەركىزىگە كەلدى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، پات - پات ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

لى خۇڭجۇڭ، جاڭ يوۋشيا، خۇاڭ كۇنمىڭ، شېن يىچىن، ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.