
11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭجوۋ بەييۈن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كوۋېنچرۈي ۋە ئۆمۈرلۈك پەخرىي رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، جوۋ چياڭ) 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭجوۋ بەييۈن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كوۋېنچرۈي ۋە ئۆمۈرلۈك پەخرىي رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئولىمپىك روھى ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئۇنىڭغا ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئارزۇسى يۈكلەنگەن بولۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئولىمپىك روھىنىڭ قەتئىي ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى، قوغدىغۇچىسى، تارقاتقۇچىسى بولۇپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن تەنتەربىيە ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۆزئارا قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ نۇرغۇن زور ئىش، ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. يىل بېشىدا بىز قار - مۇز بىلەن قاپلانغان خاربىندا ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كاتتا مەرىكىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىل يەنە باھاردەك ئىللىق گۇاڭجوۋدا مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۇچرىشىشىغا بىرلىكتە ئاتلىنىپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بولغان دوستانە قويۇق مۇناسىۋىتىنى نامايان قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ ئىككى تەرەپلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دۇنياۋى تەنتەربىيەنى ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشنى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگودىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچ جاي بىرلىكتە ئۆتكۈزىدۇ. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى جۇڭگودىكى ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك رايونلارنىڭ بىرى. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەقسەت جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئۈلگىلىك جاي، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يېتەكچى جاي بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە گۇۋاھ بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدىكى خىلمۇخىل ھەيۋەتلىك قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ.
كوۋېنچرۈي ۋە باخ مۇنداق بىلدۈردى: گۇاڭجوۋغا كېلىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىن جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھېس قىلغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز. جۇڭگو ئولىمپىك روھىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئولىمپىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئولىمپىك روھىنى دۇنياغا تارقىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگو مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىر نۆۋەتلىك قالتىس، مۇۋەپپەقىيەتلىك كاتتا مەرىكە بولۇپ، جەزمەن جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
ۋاڭ يى، خۇاڭ كۇنمىڭ، شېن يىچىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.