
1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كورېيە زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن لى زەيمىڭ ۋە رەپىقىسى جىن خۇيجىڭ بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فېڭ شىنرەن، ساۋ جيايۆ) 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن كورېيە زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ كورېيە خەلقىگە بولغان يېڭى يىللىق سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن ۋە زۇڭتۇڭ لى زەيمىڭ ئىككى قېتىم كۆرۈشتۇق ھەم ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. دوست ۋە قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن كورېيە كۆپرەك باردى - كەلدى قىلىشى، دائىم ئالاقە قىلىشى، پات - پات پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كورېيەگە قاراتقان سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، دوستانە ھەمكارلىق يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام يولنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا توغرا يۆنىلىشلىك كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - كورېيە ئىككى دۆلەت ئۇزاقتىن بۇيان «ئىناقلىقنى ئەلا بىلىش» «پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى پەرقتىن ھالقىپ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلدى. ئىككى تەرەپ بۇ ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر - بىرىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىلدى، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى كەڭ پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو بىلەن كورېيەنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقىسى قويۇق، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ئۆزئارا چوڭقۇر گىرەلەشكەن، ھەمكارلىقى ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەت تورتىنى چوڭايتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل كەسىپ، ياشانغانلار ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىش كېرەك. ئىككى تەرەپ خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياش - ئۆسمۈرلەر، تاراتقۇ، تەنتەربىيە، ئاقىللار ئامبىرى، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي باياننى خەلق رايىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق تېخىمۇ گىرەلىشىپ كەتتى. جۇڭگو بىلەن كورېيە رايون تىنچلىقىنى قوغداش، دۇنياۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان، كەڭ دائىرىلىك مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، قەتئىي ھالدا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشى، توغرا ئىستراتېگىيەلىك تاللاش چىقىرىشى كېرەك. 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگو - كورېيە ئىككى دۆلەت غايەت زور مىللىي قۇربانلىق بېرىپ، ياپون مىلىتارىزمىغا زەربە بېرىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندە قول تۇتۇشۇپ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ قوغدىشى، شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - كورېيە قورۇقچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
لى زەيمىڭ جۇڭگو خەلقىگە يېڭى يىللىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. لى زەيمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كورېيە بىلەن جۇڭگو يېقىن قوشنىلار، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. كورېيە بىلەن جۇڭگو ئىلگىرى ياپون مىلىتارىزمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئورتاق زەربە بەرگەن، كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كورېيەنىڭ جۇڭگودىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ كونا ئورنىنى قوغدىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كورېيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭى بىر يىلدىكى تۇنجى قېتىملىق دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، كورېيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش، تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، كورېيە - جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى خالايدۇ. كورېيە تەرەپ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ. كورېيە - جۇڭگو ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ھەرقايسىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇردى، كورېيە تەرەپ جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت خەلقنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان بۇ يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىت، قاتناش - تىرانسپورت، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى 15 پارچە ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا لى زەيمىڭ ۋە رەپىقىسى جىن خۇيجىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
لى زەيمىڭ يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. لى زەيمىڭ شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا لى زەيمىڭ ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.