
2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېرز بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر دۇڭ شۆ) 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېرز بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئايرىم - ئايرىم ھالدا دۇنيادىكى 2 -، 3 - چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە، جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە ياۋروپا ۋە دۇنياغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەت 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. دۇنيادا ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق قانچە گىرەلەشكەنسېرى، جۇڭگو - گېرمانىيە ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى شۇنچە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئۆزئارا قوللايدىغان ئىشەنچلىك ھەمراھلاردىن بولۇش كېرەك. جۇڭگو - گېرمانىيە ئىككى دۆلەت مەۋقەنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش - ئۆزئارا ئىشىنىش، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھېكايىسىنى يېزىپ چىقتى. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچىسى بار، گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدۇ. گېرمانىيە تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئوبيېكتىپ، ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان ئاكتىپ، ئەمەلىيەتچىل سىياسەتنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىككىنچى، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ھەمراھلىرىدىن بولۇش كېرەك. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش، رەقەم قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاقىللاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، يۇغۇرۇلما تەرەققىيات يۆنىلىشى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلار، بىلىم، تېخنىكا جەھەتتىكى قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى قوللاپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئالدىنقى سەپ ساھەلەردىكى سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ رىقابەتلىشىش بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە راۋانلىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.
ئۈچىنچى، ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا يېقىن ئۆتىدىغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمراھلاردىن بولۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە چوڭ دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - گېرمانىيە دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى 100 يىللىق ئۆزگىرىش ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشى، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى قايتا ئۇرغۇتۇپ، باشلامچىلىق بىلەن كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ قوغدىغۇچىسى، خەلقئارا قانۇنچىللىقنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى، ئەركىن سودىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى، ئىتتىپاقلىشىش - ھەمكارلىشىشنىڭ تەشەببۇسچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپانىڭ ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىنى قوللايدۇ، ياۋروپا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو − ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مېرز مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقى باھار بايرىمىنى خۇشال تەبرىكلەۋاتقان ۋاقىتتا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئات يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان دوستانە ئالاقىلىشىش ۋە قويۇق ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەدىرلەيدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دوستلۇق ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. گېرمانىيە كارخانا ساھەسىدىكىلەر جۇڭگو بازىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالغان. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرۇش، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن ئىشەنچلىك ۋە ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە پايدىلىق، گېرمانىيە تەرەپ ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى بايان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاچقۇچلۇقى سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشتە چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ باراۋەر قاتنىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىنچلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېتىبار بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىنچلىق ئارزۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئورتاق خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان تىنچلىق رامكىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە گېرمانىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما ئاخبارات باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.