شى جىنپىڭ سۆز قىلدى
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى
لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى

2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2026 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2026 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار پايتەختتىكى ھەرساھە زاتلار بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2026 - يىللىق باھار بايرىمىلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى مۇبارەكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان يىسى يىلان يىلى ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنداپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدۇق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.
لى چياڭ كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.
خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالى چىراغ نۇرلىرى چاقناپ، خۇشال كەيپىياتقا چۆمگەنىدى، ھەر ساھە زاتلاردىن 2000دىن ئارتۇق كىشى خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى، نەق مەيداندا خۇشال ۋە ئىناق بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زالغا كىرىپ، كۆپچىلىككە سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىك بىلەن ئۆزئارا ئەھۋال سورىشىپ، باھار بايرىمىلىق تىلەكلەرنى بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، بىز تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، تۈرلۈك ئىشلارنى ماس ئالغا سىلجىتىپ ئورتاق ئىلگىرىلىدۇق. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. بىز پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتۇق. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدۇق، تەيۋەننىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقى خاتىرە كۈنىنى تەسىس قىلدۇق، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدۇق، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن ئۈچ جايدا 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدۇق. بىز دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى، دۇنيا ئاياللار ئىشلىرى باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشتۇق. بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە جەمئىيەت كەيپىياتىنى سىجىل ياخشىلىدۇق.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىر يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەر مول بولدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. نەتىجىلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كۈرەش قىلىش ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، باسقۇچمۇباسقۇچ پۇختا ئالغا سىلجىتساقلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا چوقۇم ئۈزلۈكسىز كىچىك غەلىبىلەرنى جۇغلاش ئارقىلىق چوڭ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، بىزنىڭ نىشانىمىز چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2026 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل. بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىز خەلق ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كەلدى، خەلققە تايىنىپ گۈللەندى، بارلىق خىزمەتتە خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەيدۇ. بىز باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە، ئات قەيسەرلىك، جەسۇرلۇق، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ سىمۋولى بولۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىش، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش ئىستىقبالىنى نامايان قىلىدۇ. بىڭۋۇ ئات يىلىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى نەق مەيداندا ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا قاتناشتى.
كوللېكتىپ مۇبارەكلەش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ھەم بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس - ئالىملار ھەم پايتەختتىكى ھەر ساھە زاتلار ۋەكىللىرى بار.