شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن بىرلىكتە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى

2026-02-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شى جىنپىڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − بىڭۋۇ ئات يىلىدىكى باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا، بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى.

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چىن بويۇڭ، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىدىن جوۋ جۇڭخې، ۋاڭ مېيشياڭ قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلاردىن يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەن ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسلىرى، 1 - مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسلىرى بار.

خې ۋېي ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: 2025 - يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، بوران - چاپقۇندا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، «14 - بەش يىل»لىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يېڭى بىر يىلدا، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، دىققەتنى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، يولغا قويۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال تەكلىپ بېرىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

خې ۋېينىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 2025 - يىلى ئىنتايىن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىدىكى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدى، تەيۋەننىڭ قايتۇرۇۋېلىنغانلىقى خاتىرە كۈنىنى تەسىس قىلدى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى، ئەلا بولۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولدى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بەش يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئارقىلىق «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى تېز سۈرئەتتە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلاندى. بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەلگىلىمىنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى كۈچەيتىش، ئوبراز تىكلەش» باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشتى. مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى «ئىككى ساغلام» بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى!

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2026 - يىلى «15 - بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنچى، سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئويلاش، بىر سەپتە تۇرۇش، بىرلىكتە ئىشلەش كېرەك. مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنى تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشقا يېتەكلىشى كېرەك. ئىككىنچى، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەكلىپ بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى كۈچلەرنىڭ يېڭى قىياپىتىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى قاتتىق تۇتۇپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىكى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىدا باشتىن - ئاخىر ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى گەنجيې، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى.