​بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىگە باھار بايرىمىلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى

2026-02-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا قىسىملاردىن ھال سورىدى

بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىگە باھار بايرىمىلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ 1 - ئاۋغۇست بىناسىدا سىنلىق شەكىلدە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئالاقىدار قىسىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ 1 - ئاۋغۇست بىناسىدا سىنلىق شەكىلدە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئالاقىدار قىسىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. سۈرەتتە: قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم لۈسىنىڭ 2 - يىڭى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەنخۇي ناملىق ھەربىي پاراخوتى، ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ مەلۇم لۈسى، راكېتا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم لۈسى، ھەربىي ئىشلار ئالەم قاتنىشى قىسمىنىڭ مەلۇم قىسمى، تور بوشلۇقى قىسمىنىڭ مەلۇم قىسمى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ مەلۇم مەركىزى، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمىنىڭ مەلۇم ئامبىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ مەلۇم تارماق ئەترىتى شى جۇشىغا ئەھۋاللارنى دوكلات قىلماقتا.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرمېي چاڭۋېي) كاتتا باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بېيجىڭ 1 - ئاۋغۇست بىناسىدا سىنلىق شەكىلدە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئالاقىدار قىسىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، زاپاس ھەربىيلەر ۋە خەلق ئەسكەرلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە باھار بايرىمىلىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4لەردە، شى جىنپىڭ 1 - ئاۋغۇست بىناسىغا كېلىپ، ھەرقايسى ئارمىيە قىسىم تۈرلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن كەلگەن توققۇز ئورۇندىكىلەر بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى مەلۇم لۈيىنىڭ 2 - يىڭى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەنخۇي ناملىق پاراخوتى، ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ مەلۇم لۈيى، راكېتا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم لۈيى، ھەربىي ئىشلار ئالەم قاتنىشى قىسمىنىڭ مەلۇم قىسمى، تور بوشلۇقى قىسمىنىڭ مەلۇم قىسمى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمىنىڭ مەلۇم مەركىزى، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمىنىڭ مەلۇم ئىسكىلاتى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ مەلۇم تارماق ئەترىتى تەرتىپ بويىچە شى جۇشىغا ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ روھىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ، جەڭگىۋارلىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ھەرقايسىسى ئۆز خىزمەت ئورنىدا پۇختا ھەربىي مەشىق قىلىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، كۆپچىلىكنى ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى قاتتىق تۇتۇپ، قولىدىكى قورال - جابدۇقلارنى ياخشى ئىشلىتىپ، قىسىملارنىڭ جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشى ۋە قوللىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىل ئىنتايىن ئۆزگىچە، ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى. خەلق ئارمىيەسى سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈردى. پۈتۈن ئارمىيەدىكى كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، سادىقلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، ئۇلار تامامەن قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدۇ، تامامەن ئىشەنچىلىك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن ئات يىلىدىكى باھار بايرىمى بولىدۇ، بايرام ئۆتكۈزگەندە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى. پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، بەلگىلەنگەن ھوشيار ھالەتنى ساقلاپ، تۇيۇقسىز يۈزبېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تۈرلۈك ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەتەننىڭ تىنچلىقى ۋە خەلقنىڭ بەختىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بايرام مەزگىلىدىكى تۇرمۇشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

جاڭ شېڭمىن قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.