پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

2026-02-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ باھار بايرىمى ھارپىسىدا بېيجىڭدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى

ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان - ئېسەن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى


2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۈرەتتە: 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ دۇڭچېڭ رايونىنىڭ لۇڭفۇسى كوچا رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۈرەتتە: 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شىچېڭ رايونىنىڭ «ۋۇلاۋ . شىنجيې» ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كوچا رايونىدىكى يىنلىڭ ياشانغانلار ياتاق بىناسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ياشانغانلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋە شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى! مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئات يىلىدا توختىماي كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىغا، تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى! ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ - دەريالىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، ھەر يىلىنىڭ مول ھوسۇللۇق بولۇشىغا، گۈللەپ ياشنىشىغا، دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامان، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى!

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يىن لى ۋە شەھەر باشلىقى يىن يۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچە رايونى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كوچا رايونى، باھار بايرىمىلىق بازارلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تىلىكىنى يەتكۈزدى.

2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بېيجىڭ يىجۇاڭغا جايلاشقان دۆلەت ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش - يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش - ئەمەلىي قوللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ماشىنا ئادەم قاتارلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى، پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە پەن - تېخنىكا كارخانا مەسئۇللىرى ۋەكىللىرى بىلەن پات - پات پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن بۇ جايغا كېلىپ نەق مەيداندا ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرەم ناھايىتى كېڭەيدى، كۆرگەندىن كېيىن دۆلەتنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ تولۇپ تاشتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا ئاچقۇچ پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا، بېيجىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئۇ كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە تۆھپە قوشۇپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

شىچېڭ رايونىنىڭ بېيساۋچاڭ خۇتۇڭىغا جايلاشقان «ۋۇلاۋ . شىنجيې» ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كوچا رايونى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توسالغۇسىز ۋە ياشانغانلارغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلارنى كۆپ خىل ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ، شىنجيېكوۋ كوچا باشقارمىسى ئاتا - ئانىلار ئاشخانىسىغا كىرىپ، قورۇما، باھا ۋە غىزالىنىش مۇھىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاشخانىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش بويىچە غىزالىنىشقا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. بۇ جايدا ئارام ئېلىۋاتقان تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەرنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، ئۇلارنىڭ سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەجرى ۋە قوشقان تۆھپىسىنى ئالقىشلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقى، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، ياشانغانلارغا ياردەم بېرىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ياشانغانلارنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنى خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

يىنلىڭ ياشانغانلار ياتاق بىناسىدا، شى جىنپىڭ ياشانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى، كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. چوڭ زالدا، بىر قىسىم ياشانغانلار چۇنليەن ۋە «»خېتىنى يېزىۋاتاتتى، شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىدىن زوقلاندى، ئۇلارنى ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ ئۇلۇغۋار غايە ۋە جەسۇرانە ئىرادىنى ساقلاپ، ياشانغان بولسىمۇ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى، ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، باھار بايرىمىنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

دۇڭچېڭ رايونى لۇڭفۇسى كوچا رايونىنىڭ قىياپىتىنى قوغداش ۋە يېڭىلاش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىدىكى پىيادىلەر كوچا رايونى بەرپا قىلىندى. شى جىنپىڭ كوچا رايونىنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شەھەر يېڭىلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ داۋشياڭسۈن پېچىنە - پىرەنىك دۇكىنىغا كىرىپ، پېچىنە - پىرەنىكلەرنىڭ تۈرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلىدى، نەق مەيداندا پېچىنە - پىرەنىك پىشۇرۇشنى كۆردى، دۇكان ئىگىسىنىڭ بېيجىڭنىڭ بۇ كونا ماركىسىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ھازىر دەل دېھقانلار كالېندارى بويىچە كىچىك باھار بايرىمى، لۇڭفۇ سارىيى ئالدىدىكى باھار بايرىمىلىق بازار نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىنى جەلپ قىلغانىدى. شى جىنپىڭ باھار بايرىمىلىق مال يايمىلىرىنى زور قىزىقىش ئىچىدە كۆزدىن كەچۈرۈپ، نەق مەيداندىكى ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ كۆپچىلىككە كىچىك ۋاقتىدا كۆپ قېتىم لۇڭفۇ سارىيىغا كەلگەن چاغدىكى مەنزىرىنى خۇشال ھالدا سۆزلەپ بەردى، يەنە بىرنەچچە كىشىلىك خاس يېمەكلىك ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالدى.

كوچىدا، جىڭشى تەيپىڭ دۇمبىقى ئويۇنى شاد - خۇرام كەيپىيات ئىچىدە قىزىپ كەتكەنىدى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، نەق مەيداندىكى ئامما قىزغىن تەنتەنە قىلىشتى ۋە ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن شىمالنىڭ «كىچىك باھار بايرىمى»، مەن ئالايىتەن كۆپچىلىك بىلەن بىللە «كىچىك باھار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش» ئۈچۈن كەلدىم. بۇ جاينىڭ قاينام - تاشقىنلىققا، شاد - خۇراملىققا چۆمگەنلىكىنى، باھار بايرىمى كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى قويۇق، باھار بايرىمىلىق ماللارنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم. باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش پۇقرالار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا چوڭ ئىش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ باھار بايرىمىنى كۆڭۈللۈك، خۇشال - خۇرام ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، بېيجىڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. بېيجىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شەھەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا دەل جايىدا، ئەمەلىي تۈرتكە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ پۈتۈن مەملىكەتتە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بېيجىڭ مەۋقەنى شەھەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ۋە بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاشۇرۇش، ئازايتىشمۇ بولۇش، كاپالەتمۇ، بېسىممۇ بولۇش داۋامىدا ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان بۇ «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، كۆپەيمە مىقدارنى تىزگىنلەش بىلەن ساقلانما مىقدارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تارقاقلاشتۇرۇش بىلەن ئۆستۈرۈشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ۋە ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بېيجىڭ (بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي) خەلقئارا پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش پۇرسىتىنى تۇتۇپ، تيەنجىن، خېبېي بىلەن بولغان ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، مول مەدەنىيەت بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت، سودا، ساياھەت، تەنتەربىيە، كۆرگەزمىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. چوڭ شەھەر چوڭ بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىغا تۈرتكە بولۇش، چوڭ بېيجىڭ شەھەر ئەتراپى چوڭ شەھەرگە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتى، يۇغۇرما تەرەققىياتى، ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ پۈتۈن مەملىكەتنى كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بېيجىڭنى خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىناق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان پايتەخت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا، جەزمەن ئەڭ ياخشى ئۆلچەم بويىچە شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەھەر - يېزا ئاساسىي قاتلىمىنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەرنىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش» قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى پۇختا ھەل قىلىش كېرەك. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق مۇھىتىنى تۈزەش ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى بۇلغىمىلارنى تۈزەش ۋە تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان ماكان بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىنچىكە قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جەزمەن تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سىياسىي ئىقتىدارنى تاۋلاش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەش كېرەك. ئۆگىنىش، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ تۈگىتىپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.