شى جىنپىڭ ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن كۆرۈشتى

2026-04-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن كۆرۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرۋېن شىن) 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىگە ئىگە جۇڭگو - ئىسپانىيە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىندى، بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم تەجرىبە دەل ئورتاق مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ توغرا تەدبىر بەلگىلەش بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ماس كېلىدۇ، بۇ، بىر - بىرىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش يولىدا مېڭىش ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇردى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، بىر - بىرىنىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدىشىنى ئۆزئارا قوللىشى كېرەك. جۇڭگو ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك نىشان بىلەن باسقۇچلۇق نىشاننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەيدىغان تارىخىي سەۋرچانلىق بىلەن بەش يىللىق يىرىك پىلاننى داۋاملاشتۇرۇپ تۈزدى ۋە يولغا قويدى. بىزنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىدىغان ئىرادىمىز بار، شۇنداقلا يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دۇنيا بىلەن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان كەڭ قورساقلىقىمىز بار، ئۆز تەرەققىياتىمىز ئارقىلىق دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمىز. ئىككى تەرەپ پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ئىجادىي تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، سودا، يېڭى ئېنېرگىيە، ئاقىل ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن تەتقىقات، تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئېلىپ، ھەققانىيەت بىلەن زوراۋانلىقنىڭ كۈچ سىنىشىشىغا دۇچ كەلمەكتە. خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا تەرتىپكە قانداق مۇئامىلە قىلىش بىر دۆلەتنىڭ دۇنيا قارىشى، تەرتىپ قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە مەسئۇلىيەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيە ئوخشاشلا پىرىنسىپچان، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان دۆلەتلەر، جەزمەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، دۇنيانىڭ ئورمان قائىدىسىگە چېكىنىشىگە قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

سانچېز مۇنداق بىلدۈردى: مەن تۆت يىلدىن بۇيان جۇڭگودا تۆت قېتىم زىيارەتتە بولدۇم، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىسپانىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىسپانىيەگە مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشى ئىسپانىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئىسپانىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىگە ئىگە بولغان ئىسپانىيە - جۇڭگو ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، سودا، مەبلەغ سېلىش، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مۇرەككەپ، كەسكىن خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئارقا - ئارقىدىن يۈزبەرگەن، كۆپ يۈزبەرگەن توقۇنۇش، تالاش - تارتىشلار ئالدىدا، پەقەت كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولغاندىلا، ئاندىن ئىنسانىيەتكە ئۇزاققىچە تىنچلىق ئېلىپ كەلگىلى بولىدۇ. ئىسپانىيە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى پائال قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، خەلقئارا جۇغراپىيەلىك سىياسىي، سودا قورۇقچىلىقى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا قانۇن ۋە كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداشنى خالايدۇ. ئىسپانىيە «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش»قا قارشى تۇرىدۇ، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە قارشى تۇرىدۇ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقە ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قوللايدۇ. ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.