شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى خالىد بىلەن كۆرۈشتى

2026-04-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى خالىد بىلەن كۆرۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرۋېن شىن) 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى خالىد بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلىدى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش مول مەزمۇنلۇق بولدى. جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە يۈكسەلدۈرۈش ئىككى تەرەپنىڭ قەتئىي ئورتاق تونۇشى بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ پۇختا، مۇستەھكەم، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قوللاپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە، مەبلەغ سېلىش، سودا، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مائارىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئىككى تەرەپ ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقى رايونى ۋەزىيىتىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ ياراشتۇرۇپ سۆھبەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپال مەيدانىنى تەكىتلىدى، بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

شى جىنپىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تۆت نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، تىنچ بىللە ئۆتۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن، كۆچۈپ كېتەلمەيدىغان قوشنىلار. ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىنى قوللاپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقى رايونى خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىنچ بىللە ئۆتۈش ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىككىنچى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىگىلىك ھوقۇقى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خاتىرجەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى تايانچ، ئۇنىڭغا دەخلى - تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ. ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى ھەقىقىي ھۆرمەتكە ئېرىشىشى كېرەك، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خادىملىرى، ئەسلىھەلىرى، ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەقىقىي قوغداشقا ئېرىشىشى كېرەك. ئۈچىنچى، خەلقئارا قانۇنچىللىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقئارا قانۇنچىللىقنىڭ نوپۇزىنى قوغداشتا، «مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىش، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاش»قا بولمايدۇ، دۇنيانى ئورمان قائىدىسىگە قايتۇرۇپ كېلىشكە بولمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. تۆتىنچى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەۋپسىزلىك − تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات − خەۋپسىزلىكنىڭ كاپالىتى. ھەرقايسى تەرەپلەر ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى، ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرا شەرق ۋە دېڭىز قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرگە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى ھەمبەھرىلەپ، رايون تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىك تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشنى خالايدۇ.

خالىد مۇنداق بىلدۈردى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، ئۇلى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ كەلدى، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبال ئېچىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھازىرقى ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئالقىشلايدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلقئارا سۇ تىرانسپورتى بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.