
4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن سۇ لىن ۋە رەپىقىسى ۋۇ فاڭلى بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فېڭ شىنرەن، دۇڭ شۆ) 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ سۇ لىننىڭ ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىزنىڭ ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەتتە بولغانلىقىڭىز سىزنىڭ جۇڭگو - ۋيېتنام مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىڭىزنى نامايان قىلدى. ئىشىنىمەنكى، يولداش سۇ لىن باشچىلىقىدىكى ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋيېتنام جەزمەن سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ياخشى مېڭىپ، پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇش «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە مەيلى قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ۋيېتنامنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە ئالدىن تاللاش يۆنىلىشى قىلىدۇ، ۋيېتنام تەرەپ بىلەن ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ - ھەمكارلىشىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ، داۋاملىق «ئالتە تېخىمۇ» ئومۇمىي نىشانى بويىچە، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكى سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. سوتسىيالىستىك تۈزۈم ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى قەتئىي قوغداش جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى پارتىيەنىڭ ئەڭ زور ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئىتى. ئىككى تەرەپ يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىك ۋە كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر يول ئىشەنچى ۋە تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھاتتا يۆنىلىشنى ئۆزگەرتمەسلىك، ئىسلاھ قىلىشتا ئاساسىي رەڭنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك.
ئىككى تەرەپ پارتىيەلەر ئارا ئالاقىلىشىش يولىنىڭ ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتى، نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە مۇھاكىمە، كادىرلارنى تەربىيەلەش، نىشانلىق ئالماشتۇرۇش، يەرلىكلەر ھەمكارلىقى قاتارلىق مېخانىزملاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەمكارلىق پىلانىنى ياخشى ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى كېرەك. سىياسىي خەۋپسىزلىكنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، گۇڭئەن «3 + 3» ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتتىكى ياش ئەۋلادلارغا قارىتىلغان غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى سىجىل كۈچەيتىشى كېرەك.
ئىككى تەرەپ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئالدىن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، نەرسە تورى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋيېتنامنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ ساياھەت، مەدەنىيەت، تاراتقۇ، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە 2026 − 2027 - يىللىق «جۇڭگو - ۋيېتنام ساياھەت ھەمكارلىقى يىلى»نىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلاشنى خالايمەن.
ئىككى تەرەپ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، دۇنيا ئەركىن سودا تۈزۈلمىسى ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغدىشى كېرەك. قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنياۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. بۇ يىل جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ بەش يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ رايون دۆلەتلىرى بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
سۇ لىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ مېنىڭ ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشىم، شۇنداقلا دەل باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر ۋيېتنامدا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىغا توغرا كەلدى، بۇ، يولداش باش شۇجى ئېيتقان «قوشنىلار بارغانسېرى يېقىن ئۆتمەكتە» دېگەن سۆزنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىنى مۇھىم سىياسىي مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگونىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى غەلىبىلىك تاماملىغانلىقى ھەم تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو تەرەپ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىدۇ ھەم دۇنيا تىنچلىقى، تەرەققىياتىدىكى تايانچ كۈچ ۋە ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلىنىدۇ.
ھازىر ۋيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە پائال تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلاندى، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە قويۇقلاشتى، دۆلەت مۇداپىئەسى خەۋپسىزلىكى ساھەسى سۆھبەتلىشىشتىن ئەمەلىي ھەمكارلىق باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى ھەمكارلىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى، خەلق ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ئىنتايىن كۆپەيدى، كۆپ تەرەپلىك ئالاقە تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ۋيېتنام تەرەپ يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بولغان ئالاھىدە ھېسسىياتى ۋە ئىزچىل قوللىشىنى قەدىرلەيدۇ، قەتئىي تۈردە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋيېتنامنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى، ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللىشى قىلىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىنى داۋاملىق قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، تۆمۈريول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە ساياھەت ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ، تەربىيەلەش، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت ۋە يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قۇرۇقلۇق چېگراسىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇش ۋە دېڭىز تىنچلىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدۇ. ۋيېتنام تەرەپ يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ پارتىيەلەر ئارا، گۇڭئەن، ئەدلىيە، ئىقتىساد، ئىشلەپچىقىرىش - تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقى، تاموژنا ھەمكارلىقى، پەن - تېخنىكا، خەلق تۇرمۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش، تاراتقۇ ۋە يەرلىك قاتارلىق ساھەلەرگە دائىر كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا سۇ لىن ۋە رەپىقىسى ۋۇ فاڭلى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سۇ لىن يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. شى جىنپىڭ بىلەن سۇ لىن پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. سۇ لىن شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى. ئۆسمۈرلەر، بالىلار گۈلدەستە ۋە جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى دۆلەتنىڭ پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا سۇ لىن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، سۇ لىن يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخى كۆرگەزمە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
سەي چى، ۋاڭ يى، يىن لى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.