شى جىنپىڭ سۇ لىن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2026-04-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىلەن بىرلىكتە «قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى»گە قاتناشقان جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلاردۇڭ شۆ، فېڭ شىنرەن) 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىلەن بىرلىكتە «قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى»گە قاتناشقان جۇڭگو - ۋيېتنام ياشلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر مەن باش شۇجى سۇ لىن بىلەن بىرلىكتە «قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى» تۈرىنى قوزغاتقانىدۇق، بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ياشلىرى جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ قىزىل گېنى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن قىياپىتىنى ھېس قىلىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆزئارا ئۆگىنىش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا چۈشىنىش - ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشكە دائىر نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇردى. يېقىندا، مەن ۋيېتنام خانوي دۆلەت داشۆسى قارىمىقىدىكى چەت ئەل تىلى ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەردىكى ساۋاقداشلارنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقىدا يازغان خېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇلار «قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى»گە قاتناشقاندا ھېس قىلغان چوڭقۇر تەسىراتىنى ھەمبەھرىلەپ، جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ ۋارىسلىرى ۋە تارقاتقۇچىلىرىدىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپتۇ، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياشلار جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان جەڭگىۋار كۈچ، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشتىكى كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالغۇچىلار. مەن كۆپچىلىككە مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئۈمىدىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن: بىرىنچى، سىلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ ياشلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئىككىنچى، سىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ياشلىق ھاياتىي كۈچىڭلار ۋە ئىجادچانلىقىڭلار ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان باھار دولقۇنىنى مەۋج ئالدۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئۈچىنچى، سىلەرنىڭ دۇنيانى قەلبىڭلارغا پۈكۈپ، تىرىشىپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈڭلارنى تەقدىم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

سۇ لىن مۇنداق بىلدۈردى: «قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى» باشلانغان بىر يىلدىن بۇيان، 1000دىن ئارتۇق ۋيېتنام ياشلىرى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلەرنىڭ ئىزىنى بويلاپ جۇڭگودىكى قىزىل يادىكارلىق ئورۇنلىرىدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىنقىلابىي ئەنئەنىسى ۋە چوڭقۇر دوستلۇقىنى ھېس قىلدى. ياشلار ۋيېتنام بىلەن جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ غايە - ئېتىقادىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، سىياسىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، ۋيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

«قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى» پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋيېتنام تەرەپنىڭ 200دىن ئارتۇق ياشلار ۋەكىلى بىلەن جۇڭگو تەرەپنىڭ 100دىن ئارتۇق ياشلار ۋەكىلى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى. ئىككى دۆلەت ياشلىرى ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ قىلغان مۇھىم سۆزىگە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

«قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى» پائالىيىتىنى باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2025 - يىلى 4 - ئايدا ۋيېتنامدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە سۇ لىن بىلەن بىرلىكتە جاكارلىغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ ئىنقىلاب ئىزىنى بويلاپ، جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ قىزىل گېنى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە ئىلھاملاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

سەي چى، ۋاڭ يى، يىن لى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.