باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جېڭ لىۋېن بىلەن كۆرۈشتى

2026-04-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رەئىس جېڭ لىۋېن باشچىلىقىدىكى جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رەئىس جېڭ لىۋېن باشچىلىقىدىكى جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا رەئىس جېڭ لىۋېن باشچىلىقىدىكى جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ جېڭ لىۋېننىڭ ئۆمەك باشلاپ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە رەھبەرلىرى ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم كۆرۈشتى، بۇ، ئىككى پارتىيە مۇناسىۋىتى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئوخشاشلا جۇڭخۇا مىللىتىگە تەۋە، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلق بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق بەرپا قىلدى، شانلىق جۇڭگو تارىخىنى ئورتاق پۈتتى، شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئورتاق ياراتتى، ئۇلۇغ مىللەت روھىنى ئورتاق يېتىلدۈردى، شۇنداقلا دۆلەت زېمىنى پارچىلىنىپ كەتسە بولمايدۇ، دۆلەت قالايمىقانلىشىپ كەتسە بولمايدۇ، مىللەت چېچىلىپ كەتسە بولمايدۇ، مەدەنىيلىك ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ، دېگەن ئورتاق ئېتىقادنى تاۋلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەت، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت چوڭ يۈزلىنىش ئۆزگەرمەيدۇ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىش، مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش، بىر نىشانغا قاراپ مېڭىشتىن ئىبارەت چوڭ ئېقىم ئۆزگەرمەيدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ، گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيەنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. بىز «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق سىياسىي ئاساستا، جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەيۋەندىكى ھەرقايسى پارتىيە، تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلار بىلەن بىرلىكتە، ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقىنى كۆزلەش، قېرىنداشلارغا بەخت - سائادەت يارىتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇشىنى خالايمىز.

شى جىنپىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، توغرا بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق قەلبنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار يىلتىزداش، مەنبەداش، مەدەنىيىتى بىر، ئىرقى بىر، قان قېرىنداش بولۇپ، بەخت - سائادەت ۋە جاپادا بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە ئۆتكەندە، گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشىپ، ئىش بولسا كۆپرەك مەسلىھەتلەشسىلا، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ بولمايدۇ. ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئوخشىماسلىقى بۆلگۈنچىلىك قىلىشنىڭ باھانىسى ئەمەس. گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار مىللەت مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى مۇستەھكەملەپ، ۋىجدانلىق جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى ۋە غەيرىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئىككىنچى، تىنچ تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق ماكاننى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەن ئوخشاشلا بىر جۇڭگوغا تەۋە، جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق ماكانى. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بۇ ئورتاق ماكاننى ياخشى قوغدىشى، ياخشى گۈللەندۈرۈشىنىڭ تۈپ نېگىزى «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇش، يادروسى ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش. ئائىلە ئىناق بولسا ھەممە ئىش گۈللىنىدۇ. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا پايدىلىق تەشەببۇس بولسىلا بىز ھەممىنى قارشى ئالىمىز، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىش بولسىلا بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قىلىمىز. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان باش جىنايەتچى، بىز ھەرگىز كەڭچىلىك قىلمايمىز، ھەرگىز يول قويمايمىز. گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار مىللەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىكىگە ۋە سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق ماكانىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

ئۈچىنچى، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نىشانى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. بىز ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى دېگەن ئىدىيەدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، پائال تۈردە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمىز، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىمىز، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز. ۋەتىنىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تاغ - دەريالىرى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، بازىرى كەڭ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ دائىم ئۆيگە قايتىپ يوقلاپ تۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز، تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئالماشتۇرۇشى، تەرەققىي قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، تەيۋەننىڭ دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرى، ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھەممە ئائىلىلەرگە كىرىشىنى قارشى ئالىمىز. گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئورتاق كېڭەيتىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

تۆتىنچى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ يىل سۇن جۇڭشەن ئەپەندى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 160 يىللىقى، جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش، دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىشى ئىدى. بۈگۈن بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تېپىپ چىقتۇق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. بىز قەتئىي ئىشىنىمىزكى، بارغانسېرى كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىنى توغرا تونۇيدۇ، تەيۋەننىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ قۇدرەتلىك ۋەتەندە ئىكەنلىكىنى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئىتى، بەخت - سائادىتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىدۇ. بۇ يىل چوڭ قۇرۇقلۇق «15 - بەش يىل»ىنىڭ باشلىنىش يىلى، بىز كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى، جۇڭخۇا مىللىتى ئىقتىسادىنى ئورتاق زورايتىشنى خالايمىز. گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشنى ساقلاپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.

جېڭ لىۋېن مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى قىرغاقتىكى خەلق يەندى - خۇاڭدى ئەۋلادى، ئوخشاشلا جۇڭخۇا مىللىتىگە تەۋە، ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن تاۋلانغان، ھەممىسى جۇڭگولۇق، بىر ئائىلە كىشىلىرى، قول تۇتۇشۇپ سۇن جۇڭشەن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. گومىنداڭ پارتىيەسى بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن ئىبارەت ئىككى پارتىيە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق سىياسىي ئاساستا، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش سۇپىسىنىڭ فۇنكىسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا تارىخىنى قوغداش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ خەلق ئىچى، ئاساسىي قاتلام، ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشلارنىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، خەلقنىڭ ئورتاق بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.