شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2026-05-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى

5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا تىرامپ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (فېڭ يۇڭبىن فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارياڭ يىجۈن،جۇ جىچەي) 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت «تۇسىدېد توزىقى»دىن ھالقىپ ئۆتۈپ، چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئۆرنىكىنى يارىتالامدۇ - يوق؟ قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق قوشالامدۇ - يوق؟ ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتالامدۇ - يوق؟ بۇلار تارىخنىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، شۇنداقلا چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق پۈتۈشكە تېگىشلىك دەۋر جاۋاب قەغىزى. مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتقا ياخشى يول باشلاپ، رولنى ياخشى باشقۇرۇپ، 2026 - يىلىنى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان تارىخىي خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك يىلغا ئايلاندۇرۇشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىدۇ. مەن زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى»نى بەرپا قىلىشنى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتىمىسى قىلىشنى قۇۋۋەتلەيمەن، بۇ، كەلگۈسى ئۈچ يىل ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىشىنىمەنكى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. «ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم بولۇش» ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان ئاكتىپ مۇقىم بولۇش بولۇشى كېرەك، رىقابەت لايىقىدا بولغان ياخشى سۈپەتلىك مۇقىم بولۇش بولۇشى كېرەك، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان نورمال مۇقىم بولۇش بولۇشى كېرەك، تىنچ، ئۈمىدكە تولغان ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان مۇقىم بولۇش بولۇشى كېرەك. «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتى» بىر جۈملە شوئار ئەمەس، بەلكى بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەت بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش بولۇپ، ئىختىلاپ ۋە سۈركىلىش ئالدىدا، باراۋەر كېڭىشىش بىردىنبىر توغرا تاللاش يولى. تۈنۈگۈن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ئۆمىكى ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ، ئىجابىي نەتىجە ھاسىل قىلدى، بۇ، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى ۋە دۇنيا ئۈچۈن خۇش خەۋەر. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە ھازىرقى تەستە قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى پەقەت بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، ئامېرىكا كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشىگە چوڭقۇر قاتناشماقتا، جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى قارشى ئالىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ بىز ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئالاقە يوللىرىدىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. ئىقتىساد - سودا، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، ساياھەت، ئادىمىيەت، قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە. ياخشى بىر تەرەپ قىلىنسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ئىككى دۆلەت سۈركىلىشىپ، ھەتتا توقۇنۇشۇپ، پۈتكۈل جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بىلەن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدۇ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقى، ئامېرىكا تەرەپ تەيۋەن مەسىلىسىنى جەزمەن ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تارىختىكى ئامېرىكا ۋە جۇڭگو دۆلەت باشلىقلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ ئۇزاق ۋە ئەڭ ياخشى مۇناسىۋەتنى ئورنىتىپ، دوستانە ئالاقىنى ساقلاپ، نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلۇغ رەھبەر، جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، مەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيمەن. بۈگۈنكى سۆھبەت دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر قېتىملىق مۇھىم سۆھبەت بولدى. مەن شى جۇشى بىلەن بىرلىكتە، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى بولغان ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يول ئېچىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايمەن. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلەر، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتكە، دۇنياغا نۇرغۇن چوڭ ئىش، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتتە ئامېرىكىنىڭ سودا - سانائەت ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەرنى ئېلىپ كەلدىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ ۋە جۇڭگوغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە پائال ئىلھام بېرىمەن.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىر - بىرىنى قوللاپ، بۇ يىلقى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

سۆھبەت مەزگىلىدە، تىرامپ ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە كەلگەن كارخانىچىلارنى شى جىنپىڭغا بىر - بىرلەپ تونۇشتۇردى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا تىرامپ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

تىرامپ يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. تىرامپ شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ سۆھبەتكە قاتناشتى.