شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تيەنتەننى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2026-05-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تيەنتەننى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. سۈرەتتە: ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى چىنيەنديەن سارىيى مەيدانىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن،سۇن يى) 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن تيەنتەننى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

باش يازدىكى تيەنتەندە، قەدىمىي ئارچىلار ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، مەيىن شامال كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. شى جىنپىڭ چىنيەنديەن سارىيىدا تىرامپنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ تىرامپ بىلەن كاتتا ھەم ئازادە چىنيەنديەن سارىيى مەيدانىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

چىنيەنديەن سارىيى ھەيۋەتلىك بولۇپ، قاتمۇقات لەمپىلىرى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پەلەمپەيدىن چىقىپ، چىنيەنديەن سارىيىغا كىرىپ، تۇرۇم بىلەن لىم تەگلىكى دەل جايىدا كىرىشتۈرۈلگەن، ئاسترونومىيە كالېندارى بىلەن ساراي قۇرۇلمىسى مۇكەممەل يۇغۇرۇلغان قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكىدىن ئورتاق ھۇزۇرلاندى، ئۇنىڭدىكى بارلىق شەيئىلەر ئىناق ئۆتىدىغان، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلاشقان، زامانغا لايىقلاشقان ئىدىيەنى ھېس قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2017 - يىلى بىز بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنى بويلاپ گۇگۇڭ سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانىدۇق. بۈگۈن ئېكسكۇرسىيە قىلغان تيەنتەن بىلەن گۇگۇڭ سارىيىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ئوخشاش، «ئاسمان يۇمىلاق، يەر چاسا» دېگەن مەنىدە بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالەم قارىشى ۋە تىرىكچىلىك پەلسەپەسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلىرى تيەنتەندە نەزىر مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەتنىڭ تىنچ - ئامان، خەلقنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى، ھەر يىلىنىڭ مول ھوسۇللۇق بولۇشىنى تىلەپ، خەلق دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇقىم بولغاندىلا دۆلەت تىنچ بولىدۇ، دېگەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئىدىيەسىنى نامايان قىلغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي مەقسەتتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ قەتئىي قوللىشى ۋە چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: ئەينى يىلىدىكى گۇگۇڭ سارىيى سەپىرى ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىمدە. تيەنتەن 600 نەچچە يىلنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىنتايىن نەپىس كىلاسسىك بىناكارلىق سەنئىتى بىلەن مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلماقتا، بۇ، كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا ئۇلۇغ دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوخشاشلا ئۇلۇغ خەلق، ئەقىل - پاراسەتكە باي. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

سەي چى، ۋاڭ يى، يىن لى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.