
5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋېن شىن) 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ تاجىكىستاننىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى ھەم دۆلەت قۇرۇلۇشىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاش جۇڭگو - تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى. تاشقى مۇھىتتا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - تاجىكىستان ئىككى دۆلەت مەڭگۈ ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى قوشنىلار، سەمىمىي، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلار. ئىككى تەرەپنىڭ «جۇڭگو - تاجىكىستان قوشنىلار مەڭگۈ ئىناق - دوستانە ئۆتۈش ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نى ئىمزالىشى ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو - تاجىكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا تاجىكىستاننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، تاجىكىستان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ى باشلانغان يىل، تاجىكىستان تەرەپمۇ «2030 - يىلىدىن ئىلگىرىكى دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۆز تەرەققىيات نىشانىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، سودا، سېلىنما كۆلىمى ۋە سۈپىتىنى ماس قەدەمدە ئاشۇرۇشى كېرەك؛ نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېشىل ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، ئاقىل شەھەر، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك؛ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئۆلچەملىك شەكلىنى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى - ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، رايون مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تاجىكىستان تەرەپنىڭ خەلقئارا مۇرەسسە مەھكىمىسىگە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
راخمان مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋر تاجىكىستان - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، سودا، سېلىنما، قاتناش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق مول نەتىجىلىك بولۇپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەر ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ بۈگۈن «تاجىكىستان - جۇڭگو قوشنىلار مەڭگۈ ئىناق - دوستانە ئۆتۈش ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نى ئىمزالىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى ئىستىقبال ئاچىدۇ. تەيۋەن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، تاجىكىستان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، مائارىپ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى دۇنياغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ خەلقئارا قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىگە، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى پەسەيتىشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ. تاجىكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە ئورتاق زەربە بېرىپ، رايون مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشنىلار مەڭگۈ ئىناق - دوستانە ئۆتۈش ھەمكارلىق شەرتنامىسى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئىمزالىدى ھەم ئېلان قىلدى، پارتىيە ئارا ئالماشتۇرۇش، ئىقتىساد - سودا ۋە سېلىنما، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل قېزىلما بايلىق، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئون نەچچە تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.
زىيارەت مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپ يەنە يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، مائارىپ، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش، بازار نازارەت قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە ئون نەچچە تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا راخمان ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
راخمان يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - تاجىكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. راخمان شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا راخمان ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.