
6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن تۇڭلۇن ۋە رەپىقىسى نالى بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، شاۋ يىبو) 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ تۇڭلۇننىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ۋە لائوسنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر لائوسنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم يۆنىلىش دەپ قارايدۇ، لائوسنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، لائوس تەرەپ بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىدە يېڭى يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى:
بىرىنچى، سوتسىيالىزم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ سوتسىيالىستىك تۈزۈم ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى ئورتاق قەتئىي قوغداپ، قويۇق ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى پارتىيەنىڭ يېڭى بەش يىللىق ھەمكارلىق پىلانىنى ياخشى ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، گۇڭئەن «3 + 3» ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشىنى پۇرسەت بىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان جىنايەتكە قەتئىي زەربە بېرىشى كېرەك.
ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. مەۋقەنى جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولى ئالتۇن چوڭ يولى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، لىنىيە بويىنى ئېچىش ۋە «ئىككى تەكشۈرۈشنى بىر ئورۇندا تاماملاش»نى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - لائوس ئىقتىساد كارىدورى ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو - لائوس - تايلاند تۆمۈريولىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، رايون ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپنى داۋاملىق قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.
ئۈچىنچى، خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىككى تەرەپ بۇ يىلقى «جۇڭگو - لائوس دوستلۇق يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، قىزىل بايلىقلارنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
تۆتىنچى، تاشقى سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە مۇھىم كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر جەھەتتە قەتئىي قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ. لائوس تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.
تۇڭلۇن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ مېنىڭ لائوس پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقى، دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق رەسمىي زىيارەتكە چىقىشىم، بۇ دەل لائوس بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى ھەم «لائوس - جۇڭگو دوستلۇق يىلى»غا توغرا كەلدى، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. لائوس تەرەپ جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ لائوسقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، قويۇق دوستلۇقى ۋە قىممەتلىك ياردىمىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. بۇ قېتىم زىيارەتتە بولغان مەزگىلىدە، مەن جۇڭگونىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. جۇڭگو سوتسىيالىستىك تۈزۈم ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېتەكچى بايرىقىغا ئايلاندى، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى لائوسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر لائوس - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، لائوس تەرەپ باشتىن - ئاخىر بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ. لائوس تەرەپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى يۈكسەلدۈرۈشنى يۈكسەك قۇۋۋەتلەيدۇ ھەم قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىقلارغا ئورتاق زەربە بېرىپ، ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، پاكىز ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە - مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ پارتىيەلەر ئارا، خەلق تۇرمۇشى، پۇل مۇئامىلە، تاموژنا، ئىقتىساد - سودا، ياشلار ئالاقىسى، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا تۇڭلۇن ۋە رەپىقىسى نالى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. تۇڭلۇن يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. شى جىنپىڭ بىلەن تۇڭلۇن پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - لائوس ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. تۇڭلۇن شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى. ئۆسمۈر - بالىلار گۈلدەستە ۋە جۇڭگو - لائوس ئىككى دۆلەتنىڭ پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا تۇڭلۇن ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.