
شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېننىڭ ھەمراھلىقىدا، پىڭراڭدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كادىرلار مەكتىپىدە ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە جىن جېڭئېن ئوقۇتۇش بىناسى ئارىسىدىكى ئورمانلىققا بىرلىكتە بىر تۈپ ئاق شەمشاد دەرىخى تىككەندىن كېيىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىڭراڭ، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، ياڭ يىجۈن) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېننىڭ ھەمراھلىقىدا، پىڭراڭدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى كادىرلار مەكتىپىدە ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى.
سائەت 11لەردە، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يېتىپ كەلدى. جىن جېڭئېن مەكتەپتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ سىمۋول مۇنارى ئالدىدا كۈتۈۋالدى. نەچچە يۈز ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ قارشى ئالدى، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى.
جىن جېڭئېننىڭ ھەمراھلىقىدا، شى جىنپىڭ مەكتەپتىكى پەلەمپەيسىمان سىنىپقا كىردى. سىنىپتا كۇرسانتلار رەتلىك ئولتۇراتتى، ئوقۇتقۇچى چاۋشيەن تاشقى مۇناسىۋەت دەرسلىكىدىكى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى سۆزلەۋاتاتتى. جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرى يېتىپ كەلگەندە، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى پارتىيەنىڭ باش شۇجىلىرىغا قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. شى جىنپىڭ بىلەن جىن جېڭئېن قەدىمىنى توختىتىپ دەرس ئۆتۈش ئەھۋالىنى كۆردى، پات - پات بېشىنى لىڭشىتىپ قۇۋۋەتلىدى.
پەلەمپەيسىمان سىنىپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ بىلەن جىن جېڭئېن توكلۇق ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ مەكتەپنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يول بويى مەكتەپنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، ئوقۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.
ئوقۇتۇش بىناسى ئارىسىدىكى ئورمانلىققا كەلگەندە، شى جىنپىڭ بىلەن جىن جېڭئېن بىرلىكتە قولىغا گۈرجەك ئېلىپ توپا يۆلەپ، سۇ ئەكىلىپ سۇغىرىپ، بىر تۈپ ئاق شەمشاد دەرىخى تىكتى. ئاق شەمشاد دەرىخى تۆت پەسىل كۆكىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنىدۇ. ئارقىدىن، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدا، سەي چى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ شۇجىسى جىن سەيلۇڭ بىرلىكتە كۆچەت تىكىش بەلگە ئابىدىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ئابىدىنىڭ ئوڭ يۈزىگە جۇڭگو تىل - يېزىقى ۋە چاۋشيەن تىل - يېزىقىدا «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنايدۇ» دېگەن خەتلەر ئويۇلغانىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملىرى ۋە چاۋشيەن تەرەپ كۇرسانتلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ بىلەن جىن جېڭئېن كۆچەت تىكىش بەلگە ئابىدىسى ئالدىدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.