
6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بىرما زۇڭتۇڭى مىن ئاڭلەي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ما جويەن) 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بىرما زۇڭتۇڭى مىن ئاڭلەي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇر، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 76 يىلدىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ ھەم ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۆلەتلەر ئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدە مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. جۇڭگو ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، بىرمىغا قارىتىلغان دوستلۇق سىياسىتى بىرمىدىكى بارلىق خەلققە يۈزلەنگەن، بىرما تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىرما يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلق ھىمايە قىلىدىغان توغرا تەرەققىيات يولىنى تېپىشىغا مەدەت بېرىدۇ. بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ىنىڭ باشلىنىش يىلى، جۇڭگو تەرەپ بىرما تەرەپ بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، سىياسىي جەھەتتە دوستانە، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، تەرەققىيات جەھەتتە ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، خەۋپسىزلىك جەھەتتە ماسلىشىپ ئۆزئارا تۈرتكە بولىدىغان، ئادىمىيەت جەھەتتە يۇغۇرۇلغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان جۇڭگو - بىرما تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىرمىنىڭ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان چېگراسى ئەڭ ئۇزۇن بولغان قوشنىسى، ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى. ئۆزگىرىش، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىك ۋە ئىرادىنى ساقلاپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورى ئىككى دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى بايراقدار تۈرى، ئىككى تەرەپ بىخەتەرلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىرمىنىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرمىنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى كۈچلۈك قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ «ئاددىي ھەم گۈزەل» ياردەملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ھېكايىسىنى بىرلىكتە ياخشى سۆزلەشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى، زەھەر ئەتكەسچىلىكى قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارغا داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرمىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق تىنچ يارىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرمىنىڭ شىمالىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ، بۇ، بىرما دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ تۈپ ۋە ئۇزاق كەلگۈسى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.
مىن ئاڭلەي مۇنداق بىلدۈردى: بىرما بىلەن جۇڭگونىڭ قېرىنداشلىق مېھرى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا قوللاپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇستەھكەم بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويماقتا. بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىرمىنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى، تىنچ يارىشىشىنى خالىس مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. بىرما يېڭى ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سىياسىي تۈزۈم ۋە تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەنمەكتە. جۇڭگو «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەرنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرما - جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىرما تەرەپ بىرمىدىكى جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى ھەم خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ. بىرما تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا قەتئىي زەربە بېرىپ، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. بىرما تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قاتناش، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مىن ئاڭلەي ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
مىن ئاڭلەي يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن بىرما ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. مىن ئاڭلەي شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا مىن ئاڭلەي ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.