چاۋشيەندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ
شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى
ئايرىلىشتىن ئىلگىرى جىن جېڭئېن ئۆتكۈزگەن ئۇزىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پىڭراڭدىن ئايرىلدى. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ ئايروپورتقا كېلىپ ئۇزىتىپ قويدى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئۈچۈن داغدۇغىلىق ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.
باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىڭراڭ، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جۇ جىچەي، ۋاڭ چاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پىڭراڭدىن ئايرىلدى. چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى لى شۆجۇ ئايروپورتقا كېلىپ ئۇزىتىپ قويدى، ھەم شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئۈچۈن داغدۇغىلىق ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئايروپورتقا بېرىش يولىدا، پىڭراڭدىكى ھەر ساھە ئامما يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە گۈللەرنى پۇلاڭلىتىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق شوئارىنى ئۈنلۈك توۋلاپ، قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى.
ئايروپورتتا، نەچچە مىڭ ئامما ۋە ئۆسمۈر - بالىلار رەتلىك سەپ تۈزۈپ، قىزغىن كۈتۈۋالدى. كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ جىن جېڭئېننىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇزىتىشقا كەلگەن چاۋشيەن تەرەپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇزىتىشقا چىققان ئاممىغا قول ئىشارىسى بىلەن ھۆرمەت بىلدۈردى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى بىلەن يەنە بىر قېتىم قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، سەمىمىي خوشلاشتى، ئايروپىلان شوتىسىغا چىقىپ، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پىڭراڭدىن ئايرىلدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار ئۇزىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.