شى جىنپىڭ جىن جېڭئېن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2026-06-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پىڭراڭدىكى جىنشيۇشەن ئالىي مېھمانسارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پىڭراڭدىكى جىنشيۇشەن ئالىي مېھمانسارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، پىڭراڭ، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارلى جۇڭفا، ياڭ يىجۈن، ۋاڭ چاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پىڭراڭدىكى جىنشيۇشەن ئالىي مېھمانسارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ گۈزەل پىڭراڭغا يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ھەم ئىنتايىن يېقىملىق ھېس قىلدىم. مەن يولداش باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە، بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت. جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق غايە - ئېتىقادى ۋە كۈرەش نىشانىدا يىلتىز تارتقان، چوڭقۇر تارىخىي جۇغلانمىغا، پۇختا سىياسىي ئاساسقا، مۇستەھكەم ھېسسىيات رىشتىسىگە ئىگە، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇپ كەلدى. مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش قەتئىي مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ، يولداش باش شۇجى جىن جېڭئېننىڭ چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىشىنى قەتئىي قوللىشى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە ياخشى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش قەتئىي ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە پۇرسەتنى ئىگىلەپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچى، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئالىي رەھبەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. مەن يولداش باش شۇجى بىلەن قويۇق ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى يۈكسەكلىككە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن. بۇ يىل «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، ئىككى تەرەپ داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ. ئىككى پارتىيەنىڭ مۇناسىۋىتى جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ، ئىككى پارتىيەنىڭ ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى دوستانە ئالاقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ۋە جانلاندۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىيە، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئارمىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەن ۋە يولداش باش شۇجى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ توپلىشى كېرەك.

ئىككىنچى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى نىشان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى، بىناكارلىق، پەن - تېخنىكا، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ چېگرا پورتلىرىدا قاتناشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، خەلق ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانى ۋە خەلقئارا يولۇچىلار پويىزىنىڭ تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، خادىملار بېرىش - كېلىشىنى كېڭەيتىپ، قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئۈچىنچى، دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش رىشتىسىنى چىڭىتىش كېرەك. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئىسسىق قان بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، چاۋشيەندىكى پىدائىي قوشۇن ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، ياخشى باشقۇرۇپ، مول، ئۆزگىچە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ئىدىيەۋى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قىزىل گېنى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەل بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، مائارىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، تاراتقۇ، ياشلار، يەرلىك، دوست شەھەرلەر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشنى خالايدۇ.

تۆتىنچى، ئادىل، ھەققانىي بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىش كېرەك. ئىنسانىيەت قەيەرگە بارىدۇ دېگەن بۇ مۇھىم تېما ئالدىدا، مەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چاۋشيەن تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ تۈردە قوللىشى ۋە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاسىيا جۇڭگو، چاۋشيەن قاتارلىق رايون دۆلەتلىرىنىڭ خاتىرجەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ چاۋشيەندە يەنە زىيارەتتە بولدى، چاۋشيەن خەلقى ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئەزىز مېھمان، بىز ئەڭ داغدۇغىلىق، ئەڭ قىزغىن قارشى ئالىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىپ پىڭراڭغا كېلىشى چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە دوستلۇق مېھرىنى نامايان قىلدى، بۇ، چاۋشيەن تەرەپ ئۈچۈن غايەت زور ئىلھام. بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن، باشتىن - ئاخىر ئۆزىگە ئۆزى ئىگە ۋە ھەققانىي تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ كەلگەن چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ نەقەدەر مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدىلىكى بىزنىڭ بىر - بىرىمىزگە قوشنا بولغانلىقىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپنىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئورتاق غايە - ئېتىقادقا ئىگە بولغانلىقىمىزدا ھەم بۇنى ئۆزئارا قەدىرلەيدىغانلىقىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىمىزدا.

جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر 9 - ئايدا مەن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەرقايسى ساھەلەردە جانلىنىپ ۋە راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم پىكرىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، چاۋشيەن تەرەپنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى جۇڭگو تەرەپتىكى يولداشلار بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىدا يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش يوللىرى ئارقىلىق تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەن تەرەپنىڭ سوتسيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، چاۋشيەن خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە زامانىۋىلىشىش يولىدا مېڭىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: چاۋشيەن تەرەپ يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆسكەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن كۆردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ۋە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۇنيا خەلقىنىڭ قوللىشى ۋە ماختىشىغا ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت مىسلى كۆرۈلمىگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە، چاۋشيەن تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداش سىياسىتى ۋە مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. يېڭى دەۋردىكى چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش خەلقنىڭ تاللىشى، دەۋرنىڭ ئېھتىياجى، چاۋشيەن تەرەپنىڭ باشتىن - ئاخىر ئۆزگەرمەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ۋە قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىسى. بىز چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرىكىدەكلا دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بىرىنچى ئىستراتېگىيەلىك ئىشى دەپ بىلىپ، چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن بىرلىكتە تۆھپە قوشىمىز.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار سۆھبەتلىشىشكە قاتناشتى.