شى جىنپىڭ 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

2026-07-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي دۇنيا مېھمان قوبۇل قىلىش زالىدا 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي دۇنيا مېھمان قوبۇل قىلىش زالىدا 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارۋاڭ يۇڭچيەن، ياڭ يىجۈن) 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي دۇنيا مېھمان قوبۇل قىلىش زالىدا 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدا، يېڭى دولقۇن كۆتۈرۈلدى. دۇنيا مېھمان قوبۇل قىلىش زالىغا ئەزىز مېھمانلار جەم بولدى.

شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ «قول تۇتۇشۇپ ئادىل، مۇۋاپىق دۇنياۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدە تېز سۈرئەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، دۇنياۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مىسلىسىز جانلىنىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، ھەم غايەت زور پۇرسەتنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، شۇنداقلا ئىدارە قىلىش خىرىسىغا دۇچ كەلدى. ئىنسانلار دەۋرنىڭ سوئالىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولدى: ماشىنا تەپەككۇر قىلىشقا باشلىغاندا، ئىنسانلار ئۇنىڭ بىلەن قانداق بىللە ئۆتۈشى كېرەك؟ ھېسابلاش ئۇسۇلى تەدبىر بەلگىلەشكە قاتناشقاندا، خەۋپسىزلىككە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ پەن - تېخنىكا ئەخلاققا جەڭ ئېلان قىلغاندا، ئىدارە قىلىش قانداق يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك؟ ھاڭ ئۈزلۈكسىز چوڭايغاندا، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟ جۇڭگو تەرەپ مۇنداق قارىدى: ھەرقايسى دۆلەتلەر ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئالغا بېسىش، ياخشىلىققا ئىنتىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغدايدىغان بىر مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئادىل، مۇۋاپىق دۇنياۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ بۇ توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچى، ئېچىۋېتىش - ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئوچۇق مەنبە كودىنى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق بەھرىلىنىشكە ئىلھام بېرىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ تەرەققىياتى، كۆرۈنۈشلۈك قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تۈرلۈك كەسىپلەرگە كۈچ قوشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك ئىچكى ۋە ھاسىلىي خەۋپ - خەتەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن - نىزام، تېخنىكىلىق كۆزىتىش - ئۆلچەش، خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، قالايمىقان ئىشلىتىش، يامان غەرەزدە پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ باشتىن - ئاخىر ئىنسانلارنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىۋېتىش، ئۆز دۆلىتىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى باشقا دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش ئۇسۇلىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، سىغدۇرۇشچان بولۇپ ھەممىنى قوبۇل قىلىشقا ئىلھام بېرىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەت ئارقىلىق سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قىممەت قارىشىنى يارىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقىتىدار تېخنىكىسىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنى چۈشىنىش ۋە سىغدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسىسى ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىدىغان مەدەنىيلىك گۈلزارلىقىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

تۆتىنچى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئىدارە قىلىش قائىدىسى، تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش رامكىسىنى بالدۇرراق شەكىللەندۈرۈپ، ئالدىنقى قاتاردىكى بۇ تېخنىكىنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغان قىلىش كېرەك. يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى ھاڭنى تولدۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە يېڭى تارىخىي ئادالەتسىزلىك كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ىنىڭ باشلىنىش يىلى. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بەردى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى پۇرسەت تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئاساسىي گەۋدىلەر بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان ساغلام ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈردى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىقتىساد يادرولۇق كەسىپلىرىنىڭ كۆلىمى تىرىليون يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاشتى، «جۇڭگو ئاقىل ياسىمىچىلىقى» جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزام، سىياسەت - تۈزۈم، قوللىنىش قائىدىسى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە باشتىن - ئاخىر خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئۈزلۈكسىز جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىق تەشكىلاتى شاڭخەيدە ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. بۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ساداسىغا ئاۋاز قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنى ئىدارە قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر مۇھىم ئابىدىگە ئايلىنىدۇ. دۇنياۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاش، دۇنياۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە يۈزلىنىپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش - تەربىيەلەش بويىچە 5000 سان بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئافرىقا ئىتتىپاقى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە يۈزلىنىپ، خەلقئارا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرىدۇ؛ مېتېئورولوگىيە بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالدىن سىگنال بېرىش لايىھەسى «مازۇ»نىڭ 30 دۆلەتتە ئەمەلىيلىشىپ قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن قىياپەت، تېخىمۇ ئەمەلىي ھەرىكەت، تېخىمۇ ئۇزاق كەلگۈسى نەزەر دائىرىسى ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىدىكى پۇرسەت ۋە خىرىسلارنى ئىگىلەپ ھەم ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭ مانەي، تايلاند زۇڭلىسى ئانۇتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىنىڭ شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇس ۋە تەدبىرلەرگە پائال ئاۋاز قوشتى. ھەرقايسى تەرەپلەر مۇنداق بىلدۈردى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار، شۇنداقلا ئۇنىڭغا خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇنغان. جۇڭگو ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان، بىخەتەر - تىزگىنلىگىلى بولىدىغان بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە پائال ياردەم بېرىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇپ، مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىنى نامايان قىلدى. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئورتاق ئىدارە قىلىپ، ئۇنى بارلىق دۆلەتلەرگە ئادىل نەپ يەتكۈزىدىغان قىلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، دۇنياۋى رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدار ھاڭى ۋە جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى تۈگىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئېلىپ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىپ ئۆتتى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئىگىلىشى ۋە تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ئارقىلىق بىخەتەر، گۈللەنگەن، ھەرقانداق دۆلەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويمايدىغان گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم ئۇنىڭغا ئىشىنىمىز.

يىغىندا «2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى رەئىس باياناتى» ئېلان قىلىندى.

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن دۇنيا مېھمان قوبۇل قىلىش زالىدا يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارادىكى ئەزىز مېھمانلار ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

چېن جىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.