جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2026-07-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىل كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالىشى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەر ۋە سىياسىي كۈچلەرگە قارىغاندا تەڭداشسىز ئېسىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدە. بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيەنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەڭگۈ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك ئىجادچانلىق، ئۇيۇشقاقلىق، جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك

لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى، سەي چى قارارنى ئوقۇپ ئۆتتى

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن بەردى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تەقدىرلەشكە ئېرىشكەن مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لار ۋەكىللىرىگە تەقدىرنامە تارقىتىپ بەردى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى. يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دەۋر ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك

105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننى پۈتتى. 105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان توغرا يولنى ئاچتى، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، قۇدرەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقتى. پارتىيەمىز ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە بولۇشقا تامامەن مۇناسىپ

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىللىق شانلىق تارىخى كىشىنى پەخىرلەندۈرىدۇ، لېكىن بىز ھەرگىز مەغرۇرلانماسلىقىمىز، ئۆز - ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز، بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى، جەزمەن دادىل كۈرەش قىلىشى، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە زىچ تايىنىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ ساقلاپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى. يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دەۋر ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9لاردا، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر كوللېكتىپ ھالدا مۇراسىم ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ تۇرۇشلۇق ئورۇندىن يولغا چىقىپ، مۇراسىم موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن خەلق سارىيىغا يۈرۈپ كەتتى. خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى سىرتىدا، مۇراسىم ئەسكەرلىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ بولۇپ تۇردى، ياش - ئۆسمۈرلەر قىزغىن تەنتەنە قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر قىزىل پايانداز ئۈستىدە مېڭىپ پەلەمپەيدىن چىقىپ، خەلق سارىيىغا كىردى. پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار بۇ جايدا ئۇلارنى كوللېكتىپ كۈتۈۋالدى.

خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا كەيپىيات تەنتەنىلىك، قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى» دېگەن يىغىن لوزۇنكىسى ئېسىلغانىدى، ئارقا پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چاقناپ تۇرغان پارتىيە گېربى، پارتىيە گېربىنىڭ ئاستى تەرىپىگە «2026 _ 1921» دېگەن رەقەم بەلگىسى ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. 2 - قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!» دېگەن شوئار ئېسىلغانىدى.

دەل سائەت 10دا، لى چياڭ تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

سەي چى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ <1 - ئىيۇل ئوردېنى> بېرىش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇپ ئۆتتى. «قارار»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۇزاق مەزگىل ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغان، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرىنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يولداش ما شەنشياڭ، ۋاڭ يۈچاڭ، لى ليەنچېڭ، ئوقاس سۈلەيمەن، ۋۇ ياچىن، چېن جۈنۋۇ، جاۋ يافۇ، جۇڭ جۆگە «1 - ئىيۇل ئوردېنى» بېرىشنى قارار قىلدى.

ئىككى نەپەر بايراقچى پارتىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىر نەپەر مۇراسىم ئەسكىرى «1 - ئىيۇل ئوردېنى»نى كۆتۈرۈپ، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، مۇراسىم نەق مەيدانىغا كىردى.

ھەيۋەتلىك «ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرگە بىر - بىرلەپ ئوردېن بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلارنى تەبرىكلىدى. ئارقىدىن، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر تەكلىپ بىلەن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

سەي چى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ۋە مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇپ ئۆتتى.

شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تەقدىرلەنگەن مەملىكەت بويىچە «ئىككى مۇنەۋۋەر، بىر ئىلغار»لار ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

پۈتۈن مەيداندىكى قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈن، بىز داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەپ، پارتىيەمىز بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىنى ئەسلىدۇق، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالدۇق، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە سەپەرۋەر قىلدۇق. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا بايراملىق سالام يوللىدى! «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنى، تەقدىرلەنگەن مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى!

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 105 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئويغىنىشى داۋامىدا، ماركسىزم - لېنىنىزمنى جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچى بار بولدى، ئىچكى ئەنسىزلىك، تاشقى پاراكەندىچىلىككە تولغان، نامرات ھەم ئاجىز جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل تارىخىي زور ئۆزگىرىش باشلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 105 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننى پۈتتى. 105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان توغرا يولنى ئاچتى، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، قۇدرەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقتى. پارتىيەمىز ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە بولۇشقا تامامەن مۇناسىپ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىل كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالىشى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەر ۋە سىياسىي كۈچلەرگە قارىغاندا تەڭداشسىز ئېسىل ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىدە. پارتىيەمىز قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى باشتىن - ئاخىر دەل جايىدا ئىگىلىدى، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، باشتىن - ئاخىر پۇختا ئاساسقا ئىگە بولدى، تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى باشتىن - ئاخىر ئىگىلىدى، تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى باشتىن - ئاخىر ساقلىدى، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى. بىز يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مەڭگۈ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خىسلىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك ئىجادچانلىق، ئۇيۇشقاقلىق، جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىدىن ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، دەۋر ۋە خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماسلىق، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش ھەم يولدىن ئادىشىپ قالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جەزمەن خەلققە زىچ تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەزمەن ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. جەزمەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇش كېرەك. جەزمەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋر پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىنى تەشكىللەش كۈچى، جەمئىيەت چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش شەرت، ئارمىيە قۇدرەت تاپسا، ئاندىن دۆلەت تىنچ - ئامان بولىدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىش شەرت.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ ئىچكى تەلىپى. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ - ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شياڭگاڭ - ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى يۇغۇرۇلۇشى ۋە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەس تارىخىي ۋەزىپىسى، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92 - يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى ۋە يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ياشلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن. پۈتۈن پارتىيە ياشلارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياشلارنى قوللاپ، ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، دەۋر مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، يېڭى مۇساپىدە تارىخىي كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنى ياخشى يۈگۈرۈپ، ياشلىق باھارى ئارقىلىق يول ئېچىپ، غايىسىنى جۇلالاندۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 105 يىللىق شانلىق تارىخى كىشىنى پەخىرلەندۈرىدۇ، لېكىن بىز ھەرگىز مەغرۇرلانماسلىقىمىز، ئۆز - ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز، بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار جەزمەن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، جەزمەن كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى، جەزمەن دادىل كۈرەش قىلىشى، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇشى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە زىچ تايىنىپ ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە 105 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسى، ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلدى ۋە خۇلاسىلەندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شانلىق نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتالىشىدىكى ئېسىل ئالاھىدىلىكى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىلدى، يېڭى مۇساپىدە بارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىشى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، پۈتۈن پارتىيەگە جاسارەت بىلەن يېڭى تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۇلۇغ چاقىرىقى چىقىرىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سۆزنىڭ روھىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك.

يىغىندا، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىلى، جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۇن شەھىرىنىڭ كۇەنچېڭ رايونى چاڭشەن گۈللۈكى مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى ۋۇ ياچىن سۆز قىلدى.

يىغىن ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى.

بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئىلگىرى تۆھپە كۆرسىتىپ، شەرەپ كەلتۈرۈپ تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، تەقدىرلەنگەن مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى، جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 3000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.