
6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بېنگال زۇڭلىسى تارىك بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋېن شىن) 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن بېنگال زۇڭلىسى تارىك بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - بېنگال تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - بېنگال مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، پۈتكۈل بېنگال خەلقىگە يۈزلەنگەن ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق سىياسىتىدە چىڭ تۇردى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - بېنگال دوستلۇقى چوڭ يۆنىلىشىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ، باشتىن - ئاخىر بېنگال تەرەپنىڭ ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ياخشى دوستى، ياخشى قوشنىسى، ياخشى ھەمراھى بولىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى. تارىخنى ئەسلىسەك، بىز جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ نامرات، ئاجىز ھالەتتىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقىشتا دەل مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشقا، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇشقا تاياندۇق. جۇڭگو تەرەپ بېنگالنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، سىرتنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى تۇرىدۇ. بېنگال تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى قاتلاملار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى داۋاملىق قوللاشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىق سىياسىتى ۋە يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ بېنگال يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى قوللايدۇ، بېنگال تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىقنى تەرتىپلىك پىلانلاپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، رەقەملىك ئىقتىساد، ئۇچۇر تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت، مائارىپ، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو - بىرما - بېنگال ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، رايوننىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بېنگال تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - بېنگال ئىككى دۆلەتنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.
تارىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، بېنگالنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە باشتىن - ئاخىر مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، بېنگال تەرەپنىڭ قەدىرلەشكە، ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ھەمراھى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى بېنگال - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى يېڭى سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش بېنگال ئۆگىنىدىغان ئۈلگە. بېنگال تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد - سودا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، يېشىل ئېنېرگىيە، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بېنگالنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بېنگال تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 2758 - نومۇرلۇق قارارىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بېنگال تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداشنى تامامەن قوللايدۇ ھەم خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.