
6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇڭ سېن بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋېن شىن) 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇڭ سېن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ كامبودژا خەلق پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، كامبودژا خەلق پارتىيەسىنىڭ كامبودژاغا رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر 4 - ئايدا، مەن كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، كامبودژا رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل كۈچەيدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، جۇڭگو - كامبودژا ئەنئەنىۋى دوستلۇقى يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل كامبودژانى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى نۇقتىلىق يۆنىلىش قىلىپ كەلدى، كامبودژانىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قوغدىشى، ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىنچلىقنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، گۈللىنىشنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئىككى دۆلەت قول تۇتۇشۇپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، قالايمىقانچىلىق ئىچىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق قوشۇشى كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىش ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىككى تەرەپ تارىختىن كۈچ قوبۇل قىلىپ، بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئورتاق ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككىنچىدىن، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش يولىدا مەزمۇت مېڭىش كېرەك. ئىككى تەرەپ «سانائەت تەرەققىياتى كارىدورى» ۋە «بېلىق - گۈرۈچ كارىدورى»دا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو - كامبودژا ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن خەۋپسىزلىك ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپنىڭ تېلېگراف، تور ئالدامچىلىقىنى تازىلاش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، كامبودژا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە سىجىل كۈچەپ، تېلېگراف ئالدامچىلىقىدىن ئىبارەت «زەھەرلىك ئۆسمە»نى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىشنى خالايدۇ. تۆتىنچىدىن، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ئۈلگىسى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ھەم باشلامچىلىق بىلەن جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ئىدىيە ۋە تەشەببۇسلارنى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ قوشنىلار ئارا ئىناق، دوستانە ئۆتۈش ئاساسىي تەرىپى ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش چوڭ يۆنىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.
خۇڭسېن مۇنداق بىلدۈردى: مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كامبودژا - جۇڭگو تەۋرەنمەس دوستلۇقىغا، شۇنداقلا قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق كامبودژا - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بەرگەن ئىجابىي باھاسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ كامبودژانى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ كامبودژا ھۆكۈمىتى، خەلق پارتىيەسىنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاللىشىغا مەدەت بەرگەنلىكىگە، كامبودژانىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كامبودژا تەرەپ جۇڭگو بىلەن دوستانە ئۆتۈشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ. كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بەش بۇرجەك ئىستراتېگىيەسى» بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، خەۋپسىزلىك، دۆلەت مۇداپىئەسى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايى قىلمىشلىرىنى تازىلاش كامبودژا ھازىرقى خىزمەتلەر ئىچىدە ئالدىن ئويلىشىۋاتقان ئىش، كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. كامبودژا رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قەتئىي قوللايدۇ ھەم جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. كامبودژا خەلق پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئۇزاقتىن بۇيان زىچ ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى، كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى پارتىيەنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى يېڭى ئەسلەتمىنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كامبودژا - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.