
7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىچكى كابىنېتىنىڭ زۇڭلىسى پياۋ تەيچېڭ بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ساۋ جيايۆ) 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىچكى كابىنېتىنىڭ زۇڭلىسى پياۋ تەيچېڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئايدا، مەن چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ھەم ئۇنىڭغا ئۈزلۈكسىز يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشۇشنى ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدۇق. ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. «جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغان جەڭگىۋار دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇھىم سىياسىي، قانۇن ئاساسى سالدى. مەن بىلەن باش شۇجى جىن جېڭئېن شەرتنامە ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى ئورتاق داغدۇغىلىق خاتىرىلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، ئاساسىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ئىككى دۆلەت خەلقىنى جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي مەزگىلدە سىجىل تۈردە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا بىردەك قوشۇلدۇق.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى. جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، مەن باش شۇجى جىن جېڭئېن بىلەن ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى تېز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەشكە ياردىمى بولغان، ئۆز دۆلىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق رايى ئاساسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئورتاق بولغان قىزىل ئەسلىمە ۋە قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئۇلۇغ جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا ياخشى مېڭىشى ئۈچۈن پايدىلىق تاشقى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.
پياۋ تەيچېڭ ئالدى بىلەن باش شۇجى جىن جېڭئېننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى ھەم ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى جىن جېڭئېن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو پارتىيەسى ۋە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت يۈكسەك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
پياۋ تەيچېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشىدا چاۋشيەننى تاللىدى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى تارىخىي خاراكتېرلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئابىدىسىنى تىكلىدى، چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. «چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك، كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت شەرتنامە روھى بويىچە، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدىدى. ئىككى دۆلەت شەرتنامە ئىمزالانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەن - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى، بۇ، يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىككە ئىگە. باش شۇجى جىن جېڭئېن چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئەڭ كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. چاۋشيەن تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەردە يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقى ۋە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.