
7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي شىجياۋ مېھمانخانىسىدا 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ھەم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن گوجۈن، ما جويەن) 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي شىجياۋ مېھمانخانىسىدا 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى ھەم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيانىڭ يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگەرمەكتە، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى سىناق ۋە تاۋلىنىش داۋامىدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئىككى دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشنى ساقلاپ، غايەت زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ۋە كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ يېقىندىلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالىشى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىش، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش، تارىخىي بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىش، تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىش، دادىللىق ۋە ماھىرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق ئېسىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىدە. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن قابىل ئىكەنلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق شىفىر. قازاقىستان ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا، بۇ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى كۆزلەپ چىقىرىلغان ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلان. جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو - قازاقىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپ سودىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سودا قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، مۇلازىمەت سودىسى يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك؛ ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك؛ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىۋاسىتە ئۇچىدىغان تېخىمۇ كۆپ نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىپ، خەلقئارا يول تىرانسپورتىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشتە، جۇڭگو تەرەپ رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلارنى ھەمبەھرىلەپ، قازاقىستاننىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ؛ «جۇڭگو - قازاقىستان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى»نى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، داۋالاش، ساقلىق ساقلاش، تەنتەربىيە، تاراتقۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئۇلىنى پۇختىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى بىرلىكتە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدە ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
توقايېف مۇنداق بىلدۈردى: شاڭخەيدىن ئىبارەت بۇ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىگە تولغان شەھەرگە كېلىپ دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. قازاقىستان جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قازاقىستان دىپلوماتىيەسىدىكى باش يۆنىلىش دەپ قاراپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە كۈچ چىقىرىدۇ. قازاقىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم پىكرىگە تامامەن قوشۇلىدۇ ھەم جۇڭگو تەرەپ بىلەن پائال ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سودا، سېلىنما، قاتناش، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. قازاقىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ۋە قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، دۇنياۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ۋە تىنچلىق، مۇقىملىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد - سودا، قاتناش، مالىيە، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشى ۋە ئېلان قىلىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ يى، چېن جىنىڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.