شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى ھەم كۆردى

6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇزىكا كېچىلىكى «خەلق ھەممىدىن ئەلا» بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تەخمىنەن 3000 كۆرۈرمەن بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يۆ يۆۋېي فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان كۈي ئارقىلىق شانلىق مۇساپىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈلدى، جاراڭلىق ناخشا ساداسى ئارقىلىق خەلق تارىخىي داستانى يارىتىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇزىكا كېچىلىكى «خەلق ھەممىدىن ئەلا» 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى تەخمىنەن 3000 كۆرۈرمەن بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆرۈپ، بۇ شانلىق بايرامنى ئورتاق تەبرىكلىدى.
خەلق سارىيىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، شاد - خۇراملىققا تولغان كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى. سائەت 19دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مۇزىكا كېچىلىكى نەق مەيدانىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
«پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن، مەن پارتىيەنى ئانامغا ئوخشىتىمەن...» سۈزۈك ئاۋازدا ئېيتىلغان بالىلار خورىغا ئەگىشىپ، مۇزىكا كېچىلىكى باشلاندى. ئويۇن بەش بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى كامالەتكە يەتكەن ئورۇنلاش ماھارىتى، تەسىرلىك ناخشا ساداسى ئارقىلىق، پارتىيەگە بولغان چەكسىز قىزغىن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.
«قىزىل بايراققا مەدھىيە» ناملىق مۇزىكا ياڭرىدى، ھەيۋەتلىك مېلودىيە ساپ ھېسسىياتنى ئۇرغۇتتى، «ئەجدادلارغا ئېھتىرام» ناملىق سىمفونىيەلىك مۇزىكىدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىش ۋە ئۇلارغا بولغان ئالىي ئېھتىرام ئىپادىلەندى. «كاككۇكگۈل» «ئاۋغۇستتا گۇيخۇا گۈلى ھەممە جايدا ئېچىلدى» «خۇاڭخې دەرياسىغا مەدھىيە» «ئازاد رايوننىڭ ئاسمىنى»دا ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدىكى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ قەلبداش بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلغانلىقىدەك ھەيۋەتلىك مەنزىرە ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، 100 مىليونلىغان ئاممىنىڭ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، يېڭى ھاياتنى كۈتۈۋېلىش خۇشاللىقى يەتكۈزۈلدى. «قامچا ئوينىتىپ ئاتنى چاپتۇرۇپ ئاشلىق توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇش» «كېپىنەك بۇلاق بويىدا» «كىيىم يۇيۇش ناخشىسى» «باھاردا ئېتىزغا بېرىش» «ۋەتەنگە نېفىت تەقدىم قىلىمەن» «قۇياش نۇرى تاشقورغاننى يورۇتتى»دىن تەركىب تاپقان سىمفونىيەلىك مۇزىكا ۋە خور «رەڭدار ماكان»دا سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ يۇرت - ماكانىنى ئورتاق بەرپا قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت قىزغىن مەنزىرە تەسۋىرلەندى. سىمفونىيەلىك مۇزىكا ھەم خور «ئۈمىدلىك دالا»دا نادىر ناخشىلار ئارقىلىق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى جۇڭگو زېمىنىدا كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بىر مەقسەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى گۈزەل قەلب ساداسى بايان قىلىندى.
105 يىل بوران - چاپقۇندا بىللە بولۇش، 105 يىل قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش. پۈتۈن مەيدان مۇزىكا كېچىلىكى جۇشقۇن كەيپىياتقا تولغان بولۇپ، قالتىس نامايان قىلىندى. «تاغ - دەريالار شادلىق ناخشىسى» «قەلبداش» ناملىق سىمفونىيەلىك مۇزىكىدا يېڭى دەۋردىكى كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان گۈللىنىش كەيپىياتى نامايان قىلىندى، «تاغ - دەريالارغا مۇھەببەت» ناملىق سىمفونىيەلىك خوردا ئىنچىكە ھېسسىيات بىلەن دۆلەت مۇھەببىتى يەتكۈزۈلدى، «خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق» ناملىق سىمفونىيەلىك مۇزىكا ھەيۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈن مەيدان كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. مۇزىكا كېچىلىكى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» دېگەن ناخشىنى بىرلىكتە ئېيتىشىغا ئەگىشىپ ئاياغلاشتى.
بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى مۇزىكا كېچىلىكىنى كۆردى.
مۇزىكا كېچىلىكىنى كۆرگەنلەردىن يەنە: مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، تۆھپە كۆرسىتىپ، شەرەپ كەلتۈرۈپ تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى، جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بار.