شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى

2026-07-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرسۈن يى) 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، قوللايدىغان ھەقىقىي دوستلار، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، گۈللىنىدىغان ياخشى ھەمراھلار، دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. جۇڭگو - بېلارۇسىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلگە قەدەم قويدى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش نەتىجىلىرى مول بولدى، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ دائىملىق، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى تارىخىي تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە سىجىل ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيە تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، بېلارۇسىيەنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىقنى قوزغىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيە تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدە ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، داۋالغۇپ تۇرغان دۇنيادىكى مۇقىم كۈچ بولۇشنى خالايدۇ.

لۇكاشېنكو مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. جۇڭگو بېلارۇسىيەنىڭ دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلىشىپ، بېلارۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى مۇھىم مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. بېلارۇسىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. بېلارۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا داۋاملىق زىچ ماسلىشىشنى ساقلاپ، دۇنيا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.