
7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن نامىبىيە زۇڭتۇڭى ئىندېتۋا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئىندېتۋا ۋە ئېرى ئەيپاۋراس بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ساۋ جيايۆ) 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن نامىبىيە زۇڭتۇڭى ئىندېتۋا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى يېڭى دەۋر جۇڭگو - نامىبىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نامىبىيە چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋە ئورتاق تەرەققىيات ئىنتىلىشىگە ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۆزئارا قوللاپ، دوستانە ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈچەپ ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، نامىبىيە 2030 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشانغا قاراپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى، كەلگۈسىدىن ئۈمىد بار. جۇڭگو تەرەپ نامىبىيە تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئالماشتۇرۇش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگو - نامىبىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، قەتئىي ئۆزئارا قوللاپ، ئىدىيە جەھەتتە يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە دائىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا قوللىشى كېرەك. ئىككىنچى، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 دۆلەتكە قارىتا تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، بۇ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم ئىجادىيىتى، شۇنداقلا ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىدىغان «خاسىيەتلىك يامغۇر». نامىبىيە تەرەپنىڭ تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىغان، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلار «يېشىل يول»ى ھەم باشقا ئېتىبار سىياسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، نامىبىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگو بازىرىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ تېز كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ نامىبىيە تەرەپ بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، ياشلار، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئۈچىنچى، ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو - نامىبىيە ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم ئەزا دۆلەتلەر، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ۋە ئوخشىشىپ كېتىدىغان قىممەت ئىنتىلىشىگە ئىگە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى، بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىشى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ نامىبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ تەسىرى ۋە كۈچىنى سىجىل زورايتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئافرىقىنىڭ مول قېزىلما بايلىقىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىش، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە تەرەققىيات قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇرۇش ئافرىقىنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم يول. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە نامىبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن كانچىلىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۈچ پىرىنسىپنى نۇقتىلىق ياخشى ئىگىلەشنى خالايدۇ. بىرىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش. ئافرىقا تەرەپ مول تەبىئىي بايلىققا ئىگە، جۇڭگو تەرەپ ئىلغار تېخنىكا ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازارغا ئىگە، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەنپەئەت يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچى، دوستانە كېڭىشىش. سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەش جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم كاپالىتى، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇق ئومۇمىيىتىدىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەمكارلىشىشتىكى مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بازارلاشتۇرۇش، تاۋارلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، ھەمكارلىق پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا كانچىلىق ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئىندېتۋا مۇنداق بىلدۈردى: نامىبىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇزاق مەزگىل يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو ئۇلۇغ دۆلەت، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كىشىلەرنى قايىل قىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. نامىبىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. جۇڭگو تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. نامىبىيە خەلق تەشكىلاتى پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. نامىبىيە جۇڭگو بىلەن سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ نامىبىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ سانائەت، كانچىلىق، ئۇل ئەسلىھە، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى، پەن - تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق بايلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، نامىبىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۇزاقتىن بۇيان نامىبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنى خالىس مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدا ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، نامىبىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىقتىساد - سودا، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، مائارىپ ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن نامىبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - نامىبىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا ئىندېتۋا ۋە ئېرى ئەيپاۋلاس ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ئىندېتۋا يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن نامىبىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ئىندېتۋا شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ئىندېتۋا ۋە ئېرى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.