خەلق شەھىرى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شەھەر يېڭىلاشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2026-07-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

خەلق شەھىرى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شەھەر يېڭىلاشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ خۇاڭپۇ رايونى بەنسۇڭيۈەن يولى كوچىسى شىمىن يېڭى كەنتى ئاھالىلەر رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، تۇرالغۇ شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ خۇاڭپۇ رايونى بەنسۇڭيۈەن يولى كوچىسى شىمىن يېڭى كەنتى ئاھالىلەر رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت پونكىتىدا ئاھالىلەر ۋەكىللىرى، كوچا باشقارمىسى كادىرلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شاڭخەي، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەر يېڭىلاشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تۇتقا، خەلق شەھىرى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقتىن ھال - ئەھۋال سوراش، خەلقتىن ئەقىل سوراش، خەلقتىن ئۈنۈمنى سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر يېڭىلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەپ، ئاھالە ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن جىنىڭ ۋە شەھەر باشلىقى گۇڭ جېڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، خۇاڭپۇ رايونىغا جايلاشقان بەنسۇڭيۈەن يولى كوچىسى شىمىن يېڭى كەنتى ئاھالىلەر رايونىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شىمىن يېڭى كەنتى ئاھالىلەر رايونىدىكى تۆت بىنا 20 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا سېلىنغان بىنا بولۇپ، ئۆزگەرتىپ سېلىش، يېڭىلاش، مۇستەقىل ئاشخانا، ھاجەتخانا سەپلەش، لىفىت ئورنىتىش ئارقىلىق تۇرالغۇ شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. شى جىنپىڭ مەھەللە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت نۇقتىسىغا كىرىپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ تازىلىق ئەسلىھەلىرى يوق كونا تۇرالغۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش، كونا شەھەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ «ماتۇڭنى كۆتۈرۈپ تۆكۈش» مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىش ۋە ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى ھەم نەق مەيداندىكى خىزمەتچىلەردىن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەھەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىلغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، گۈزەل، ئەۋرىشىم، مەدەنىي، ئاقىل زامانىۋىلاشقان خەلق شەھىرى قۇرۇپ چىقىشتا، شەھەرلەردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش مۇھىم ھالقا، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. خىزمەتلەردە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئۈنۈملۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارنى بىر - بىرلەپ ياخشى قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. «كەشتە تىكىش ماھارىتى» بىلەن ئولتۇراق رايوننىڭ ئۆي - جاي مۇلازىمىتى بويىچە باشقۇرۇش ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئاھالە ئاممىسىنى رازى قىلىش كېرەك.

پېنسىيەگە چىققان ئاھالە جۇ گولىنىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ تۇرالغۇ ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى. جۇ گولى باش شۇجىغا: ھازىر ئۆزىمىزنىڭ ئاشخانىسى، ھاجەتخانىسى بار بولدى، تۇرمۇشىمىز كۆپ قولايلاشتى، دېدى. شى جىنپىڭ ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پۇقرالارنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى ئائىلە ئىشى، تېخىمۇ مۇھىمى دۆلەت ئىشى. كوممۇنىستىك پارتىيە پۇقرالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، خەلق ئاممىسى خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەپ، راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشكەندىلا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئاندىن خاتىرجەم بولىدۇ. سىلەرنىڭ پېنسىيە تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئائىلەڭلارنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت پونكىتىغا كېلىپ، خەلققە قولايلىق كۆكتات يايمىسىنىڭ مېۋە - چېۋە ۋە كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، «شەھەر ئاھالىسى مېھمانخانا ئۆيى»دە ئاھالىلەر ۋەكىللىرى، كوچا باشقارمىسى كادىرلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەھەللە شەھەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ئاساسىي بىرلىك. مەھەللىنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇش قاتارلىقلارنى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سىجىل تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئاھالە كومىتېتى، مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى كارخانىلىرىنىڭ ماسلىشىپ يۈرۈشۈش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مۇكەممەل مەھەللە ۋە خەلققە قولايلىق تۇرمۇش چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاھالىلەرگە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك.

تەكشۈرۈشتە بولۇش جەريانىدا، شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىمىز، ھەرقايسى جايلار، ئالاقىدار تەرەپلەر تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يامغۇر ئەھۋالى، كەلكۈن ئەھۋالى ۋە تەيفېڭ بورىنى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە قانات يايدۇرۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.