شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامە بەردى ھەم ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلارنى تەبرىكلىدى

7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى بېيجىڭ 1 - ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش مۇراسىمى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى بېيجىڭ 1 - ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ شېڭمىن ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈش بۇيرۇقىنى ئوقۇدى.
شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ شۇگۇاڭ، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سىلىڭيۈەنى ۋاڭ گاڭغا بۇيرۇقنامە بەردى ھەم ئۇلارنى تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋان پاگونى تاقىغان ئىككى ئوفىتسېر شى جىنپىڭغا سالام بەردى، مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ياڭراق ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانغا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلار بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشتى.
ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئۇنۋان ئۆستۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.