دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2026-07-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى. تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ، دەۋر خىرىسىنى كۈتۈۋېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ قەتئىي ئىلگىرىلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا پۇختا تىرەك بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش شەرت

لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى قاتناشتى، دىڭ شۆشياڭ مۇكاپاتلاش قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى

7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 22 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ 18 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 22 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ 18 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2025 - يىللىق دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىكا تەتقىقات ئورنىدىكى ئاكادېمىك چېن لىچۈەن(ئوڭدا) ۋە جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا گۇرۇھى 14 - تەتقىقات ئورنىدىكى ئاكادېمىك بېن دې(سولدا)غا مۇكاپات بەردى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 22 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ 18 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسىدۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ 22 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى ۋە جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ 18 - قېتىملىق ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر قاتارلىقلارغا مۇكاپات بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى. تارىخىي پۇرسەتنى تۇتۇپ، دەۋر خىرىسىنى كۈتۈۋېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ قەتئىي ئىلگىرىلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا پۇختا تىرەك بولۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش شەرت.

لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى شى يىغىنغا قاتناشتى، دىڭ شۆشياڭ مۇكاپاتلاش قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يىغىن باشلاندى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

دىڭ شۆشياڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ 2025 - يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇپ ئۆتتى.

مۇراسىم بۇرغىسى چېلىندى، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن 2025 - يىللىق دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى فىزىكا تەتقىقات ئورنىدىكى ئاكادېمىك چېن لىچۈەن ۋە جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا گۇرۇھى 14 - تەتقىقات ئورنىدىكى ئاكادېمىك بېن دېغا مېدال، گۇۋاھنامە بەردى، ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ تەبرىكلىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ ئىككىيلەن بىلەن بىللە، دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىياتى مۇكاپاتى، دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بەردى.

قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۇلۇغۋار پىلانىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. دۆلىتىمىز دۇنياۋى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى، تۆھپە قوشقۇچى بولۇشتىن يول ئاچقۇچى، يېتەكچى بولۇشقا قاراپ تېز ئۆزگىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ تېز ئاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى ۋە دۇنيا تەرەققىيات ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. بىز يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە سىستېمىلاشقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «تۆتكە يۈزلىنىش» ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى، سىياسەت - تەدبىر، مۇھىم ۋەزىپە، پەن تەتقىقات كۈچى، بايلىق سۇپىسى، رايون يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن تەتقىقات ئاساسىي شارائىتىنى ئۆز ئالدىغا كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ۋە جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ۋەزىپىلەرنى ماسلاشتۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكى پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەركەز بىلەن يەرلىك ماسلىشىدىغان، رايونلار ھەمتۈرتكە بولىدىغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئەمەلىي قوللىنىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشتا ئىلمىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ تېخنىكا يۆتكەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىللاشقان ئەمەلىي قوللىنىش كۆرۈنۈشى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىپ، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان تېخنىكا، مەھسۇلاتلارنى كېڭەيتىپ ئەمەلىي قوللىنىش ۋە يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئۇيغۇنلاشقان پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىلىم - پەننىڭ كەلگۈسى ياشلاردا، پەن - تېخنىكا بىلەن مائارىپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش كېرەك. پەن تەتقىقات خادىملىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش، تۇرمۇش جەھەتتىن، روھىي جەھەتتىن، خىزمەت جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكى، ئىلىم - پەن ساپاسى، تەجرىبە ئىقتىدارىنى قېزىش ۋە يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پەن تەتقىقات يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ ياش - ئۆسمۈرلەرنى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا ئاتلىنىشقا ئىرادە باغلاشقا جەلپ قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سېلىنما كۆلىمىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەز مالىيەسىنىڭ پەن - تېخنىكا خىراجىتىنى تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇش، ئىشلىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرىدە مەركەز بىلەن يەرلىك سېلىنمىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا پىلانىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاپ، پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش ۋە نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. كارخانىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەپ، تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت كۈچىنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاشقا سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكىنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنى باھالاش قوماندانلىق تايىقىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. تۈرلەرنى باھالاپ تەكشۈرۈش، ئاپپاراتلارنى باھالاش، ئىختىساسلىقلارغا باھا بېرىشنىڭ ھەممىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سۈپىتى، ئەمەلىي ئۈنۈمى، تۆھپە قوشۇش يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. «تۆت ھەممىنى بەلگىلەشنى تۈگىتىش»نى تېزلىتىپ، پەن - مائارىپ ساھەسىدىكى «قالپاق»نى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، پەن - تەتقىقات سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان پەن تەتقىقات ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكا ئەخلاقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، بىخەتەر - تىزگىنلىگىلى بولىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسەت - تۈزۈم، قانۇن - نىزام ۋە ئىدارە قىلىش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپ قاتنىشىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردە ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە يېتەكچىلىكنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا بىخەتەرلىكى بويىچە خەۋپ - خەتەرگە ھۆكۈم قىلىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۇنياۋى پەن - تېخنىكىنى ئىدارە قىلىشقا چوڭقۇر قاتنىشىپ، جۇڭگو تەشەببۇسى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش - تونۇشتۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پەن - تېخنىكا خىزمىتىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن ئۆرلىشى كېرەك. جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىشى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مۇلازىمەت قىلىشى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى ئاكادېمىيەدىكى ئاكادېمىكلارنىڭ شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پەن - تېخنىكا ئالدىنقى سېپىدە يول ئېچىش، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى زىممىگە ئېلىش، ياش ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئالىملار روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش جەھەتتە ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ دۆلەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىش ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پەن - تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

يىغىندا چېن لىچۈەن بىلەن بېن دې مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بارلىق خادىملارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بىرقىسىم ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز پەن - تېخنىكا كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، ئىككى ئاكادېمىيەدىكى ئاكادېمىكلار، بىر قىسىم چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاكادېمىكلار، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 4300 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

2025 - يىللىق دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى بويىچە جەمئىي 258 تۈر ۋە 11 پەن - تېخنىكا مۇتەخەسسىسى باھالاپ چىقىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىككى كىشى دۆلەت ئالىي پەن - تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ 51 تۈر دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۈر 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 48 تۈر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 58 تۈر دۆلەت تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۈر 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 55 تۈر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ 149 تۈر دۆلەت پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ تۈر ئالاھىدە مۇكاپاتقا، 13 تۈر 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 133 تۈر 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ توققۇز چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسكە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق مۇكاپاتى بېرىلدى.