
8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئېكۋادور زۇڭتۇڭى نوۋوئا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ساۋ جيايۆ) 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئېكۋادور زۇڭتۇڭى نوۋوئا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئېكۋادور ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ئېكۋادور مۇناسىۋىتىگە باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئېكۋادور تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئېكۋادور ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋادور تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ھۆرمەت قىلىدۇ ھەم قوللايدۇ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، پارتىيەلەر قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو - ئېكۋادور مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر قاتار يېڭى ئىلگىرىلەش ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بولدى، ھەم جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، يېڭى ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق قېزىپ، ئەركىن سودا پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ كارخانا ۋە ئىستېمالچىلارغا نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋادور تەرەپ بىلەن داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، نامراتلارنى يۆلەش، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، ئېكۋادورنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ مائارىپ، مەدەنىيەت، ياشلار، تەنتەربىيە، يەرلىكلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
نوۋوئا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئېكۋادورنىڭ مۇھىم ھەمراھى ۋە دوستى، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلۇغ رەھبەر. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئېكۋادور - جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. ئېكۋادور تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ئېكۋادور تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا، پۇل مۇئامىلە، قېزىلما بايلىق، ھاسىلىي ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوغا بولغان ئېكسپورتنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئېكۋادورغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى، ئېكۋادور تەرەپنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونى ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب تىنچلىق رايونىنىڭ ئورنىنى تەۋرەتمەسلىكنى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىش يولىنى ئۈزۈپ قويماسلىقنى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ئارىلاشماسلىقنى باشتىن - ئاخىر تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ تاشقى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. نوۋوئا مۇنداق بىلدۈردى: ئېكۋادور تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى ۋە رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكياننىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى ياخشى دوستى بولۇشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يېشىل كەسىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى، رەقەملىك ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا نوۋوئا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
نوۋوئا يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئېكۋادور ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. نوۋوئا شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا نوۋوئا ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.